خاتىرەم

ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار

بۈگۈن بىلوگ يازاي ئىچىم ئەجەپ سىقىلدى… 

ئۇف…..

نېمە دەي ئەمدى ! بوپتۇلا بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم بولغاچقا ساڭىلا تۆكەي دەردىمنى…

ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار

مەن ئەزەلدىن مېنى سۆيمىگەن بىرىگە سۆيگۈ ئۈچۈن شەپە بەرگەن ئەمەس. مەن ئەزەلدىن مېنى سۆيمىگەن بىرىگە سۆيگۈمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلغانمۇ ئەمەس. مەن ئەزەلدىن مەڭگۈ بىرگە مېڭىشقا ۋەدە قىلىپ يېرىم يولدا ھەر باھانە بىلەن يول ئالماشتۇرغاننىڭ ئارقىسىدىن چاپقانمۇ ئەمەس، ھەم ئويلاپ باققانمۇ ئەمەس. ئەمما سېنى ئۇچراتقاندىن بىرى خۇددى «قىلما!» دېگەن ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدىغان كەپسىز بالىدەك، بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىنى قىلدىم. ساڭا سۆزلەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. كۆڭلۈمدىن كەچكەننى، كۆزۈم كۆرگەننى، يېنىمدىن كەتكەننى، ھەممىنى دېگۈم بار. لېكىن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغۇڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيمەن.

ئاپتوماتىك كوپىيە

ئەگەر ھايات يولۇمدىمۇ مۇشۇ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى (Ctrl+z) كۇنۇپكىسى بولغان بولسىدى، سەن بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنقى قەدەملىرىمگە قايتقان بولاتتىم. سەن مېنى ھەر قېتىم پۇشايمان قىلدۇرغىنىڭدا بىر قەدەم كەينىمگە چېكىنىپ كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولۇشىنىڭ، يۈرىكىمنىڭ ئاغرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولاتتىم. خەير، ئەمدى سېنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلمايمەن! ھەركۈنى «خەيرىلىك كەچ» دەيدىغان مەندەك بىرى ئەمدى ھاياتىڭدا مەۋجۇت بولمايدۇ. مەن ئۆزگەردىم، بۇنداق مۇھەببەتلىشىپ يۈرەككە دەرد يىغقۇچە، جاپالىق ئىشلەپ كارتامغا پۇل يىغسام بولغۇدەك…



ھەي… بىلوگىم !

ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دېگۈم كېلىدۇ …. بىراق ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق دېيىش پۇرسىتىنى بەرمەسلىكىنى بەكلا ئۈمىد قىلاتتىم ھەم ئارزۇيۇممۇ شۇ ئىدى ….. چۈنكى مەن ئۇنى قەۋەتلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم…

مۇھەببەتنى كىممۇ كەشىپ قىلغان بولغىيدى، ئادەمنى قىيناپ ئارامىدا قويمايدىغان نېمىكەن بۇ !!!

ۋايۋۇي كاللام ئەجەپ ئېلىشىپلا كەتتىغۇ….بولدىلا سۆزلىمىدىم …

ھە…راسىت كۇنۇپكا تاختىسىدىكى (Ctrl+y) كۇنۇپكىسى ئالدىغا مېڭىش (Ctrl+z)  كەينىگە بىر قەدەم  چېكىنىش جۇمۇ….

ئۇف….

ئىشقىلىپ ساڭا بولسىمۇ دەۋالدىم ، ئىچىم ئازراق بولسىمۇ بوشاپ قالدى…. 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى