ئالەم

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، ئىلگىرى قۇياش سەييارىلىرى توغرىسىدا «توققۇز چوڭ سەييارە» دېگەن ئاتالغۇ ئىزچىل تارقىلىپ كەلگەن، بۇ توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ تەرتىپى سەييارىلەرنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يېقىن-يىراقلىقى بويىچە تىزىلىدىغان بولۇپ، تەرتىپ بويىچە مېركۇرىي، ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن ۋە پىلۇتوندىن ئىبارەت. 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلەشمىسى يىغىن ئېچىپ قارار قىلىش ئارقىلىق پىلۇتوننى توققۇز چوڭ سەييارىدىن تېپىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى چوڭ سەييارىدىن ئادەتتىكى سەييارىگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ توققۇز چوڭ سەييارە سەككىز چوڭ سەييارىگە ئايلاندى.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

ئۇنداقتا پىلۇتون نېمىگە ئاساسەن توققۇز چوڭ سەييارىدىن تېپىپ چىقىرىلىدۇ؟

پىلۇتوننىڭ ئۆزىدىمۇ باشقا سەككىز چوڭ سەييارە بىلەن چىقىشالمايدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بولغاچقا نۇرغۇن كىشىلەر پىلۇتوننى قۇياش سىستېمىسىدىكى «غەلىتە ئاسمان جىسىمى» دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن پىلۇتون شۇنچە غەلىتە ۋە شۇنچە قورقۇنچلۇق بولىدۇ؟

نامەلۇم سەييارە: پىلۇتون

پىلۇتون باشقا سەييارىلەردىن كېيىن بايقالغان. 1840-يىلى، ماتېماتىكا ئالىمى ۋېررىيېر (Verrier) نىيۇتون مېخانىكا نەزەرىيەسى ئارقىلىق پەقەت قەغەز ۋە قەلەمگە تايىنىپلا نېپتۇننىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن. بۇمۇ نۇرغۇن ئالىملارنىڭ باشقا سەييارىلەرنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلېكىنى تەتقىق قىلىشىغا ئىلھام بەرگەن. ئەينى چاغدا روۋېل (Rowell) ئىسىملىك بىر سودىگەر ئاسترونومىيەگە ناھايىتى قىزىقىپ قالغان بولۇپ، 1906-يىلى مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان 9-چوڭ سەييارە بولغان «نامەلۇم سەييارە»نى ئىزدەشكە باشلىغان.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

1930-يىلىغا كەلگەندە، ئاسترونوم ۋىللىيام (William) تارتىۋالغان سۈرەتلەردىن بۇ «يۆتكىلىشچان ئاسمان جىسمى»، يەنى پىلۇتوننى تاپقان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن، كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ توققۇزىنچى چوڭ سەييارىگە ئىسىم ئويلاۋاتقان مەزگىلدە، ئەنگلىيە ئوكسفوردتىكى 11 ياشلىق ئۆسمۈر ۋېنىشا بېرنىي (Venetia Burney) كىلاسسىك ئەپسانىلەردىكى كارون پادىشاھى پىلۇتوننىڭ ئىسمىنى بۇ سەييارىگە ئىسىم قىلىپ قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئاسترونومىيە ئالىملىرى مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق بۇ سەييارىنى «پىلۇتون» دەپ ئاتىغان.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

ئەمما، ئاسترونوملار ئىچكىرلەپ كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئاسمان جىسمىنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى ھەمدە باشقا سەييارىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بىرىنچىدىن، پىلۇتوننىڭ ئوربىتىلىق ئايلىنىشى ۋە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا سەييارىلەرگە ئوخشىمايدۇ. قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا سەييارىلەرنىڭ ئوربىتىسى يۇمىلاق شەكىلگە يېقىنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئېكلىپتىكا يۈزىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ. پىلۇتوننىڭ ئوربىتىسىنىڭ مەركەزدىن ئېغىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈنلەي ئېللىپسسىمان بولىدۇ.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوربىتا ئىگىزلىكى قىيسايغان بولۇپ، خۇددى قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئېكلىپتىكا يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان پارچىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئوربىتىسىنىڭ ئېكلىپتىكا يۈزىگە نىسبەتەن بۇلۇڭ گىرادۇسى 17 گىرادۇستىن چوڭ بولىدۇ. ئوربىتا غەلىتە بولسىمۇ مەيلى، ئەڭ مۇھىمى پىلۇتوننىڭ ئوربىتىسى ناھايىتى غۇۋا بولىدۇ.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

بۇ نوقتا باشقا سەييارىلەردىمۇ يوق. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىلگىرى بايقالغان سەييارىلەرنىڭ ھەممىسىنى نىيۇتون مېخانىكىسى ئارقىلىق تەسۋىرلىگىلى بولاتتى، شۇڭا نېپتۇننى ماتېماتىكا ئالىملىرى قەغەز ۋە قەلەمگە تايىنىپ ئالدىن مۆلچەرلىيەلىگەن. ئەمما، پىلۇتون ئالاھىدە مىسال بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى نىيۇتون مېخانىكىسى ئارقىلىق مۆلچەرلەش ناھايىتى قىيىن.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا يەنە پىلۇتوننىڭ «غەلىتە» ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئاسترونوملارنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئىزچىل جەڭ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. 2006-يىلى « يېڭى كۆرۈش دائىرىسى» ناملىق ئادەمسىز تەكشۈرۈش ئەسۋابى بۇ «غەلىتە ئاسمان جىسىمى» ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

2015-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن پىلۇتوننى كۆزەتكىلى بولىدىغان ئارىلىققا يەتكەن، تەكشۈرۈش ئەسۋابى پىلۇتوننى نۇرغۇن سۈرەتكە تارتىپ، ئاسترونوملارنى پىلۇتوننىڭ «قورقۇنچلۇق»لىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

پىلۇتوننىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ھەقىقەتەن بەك يىراق بولۇپ، قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىلىقىنىڭ 40 ھەسسىسىگە يېتىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە قۇياش رادىياتسىيەسى يوق دېيەرلىك. يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃229 بولۇپ، قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا سەييارىلەردىن خېلىلا تۆۋەن.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە پىلۇتوننىڭ ئاساسلىقى قاتتىق ھالەتتىكى ئازوت ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى فورمالدېھىد ۋە كاربون چالا ئوكسىدىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىغان، ئەگەر ئىنسانلار بۇ سەييارىگە كېلىپ قالسا، چوقۇم شۇ ھامانلا توڭلاپ چۈرۈكلىشىپ كېتىشى مۇمىن.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

پىلۇتوننىڭ دەرىجىسى نېمە ئۈچۈن تۆۋەنلىتىلىدۇ؟

2005-يىلى ئېرىس (Eris)نىڭ بايقىلىشى پىلۇتوننىڭ تەقدىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى. چۈنكى ئېرىس پىلۇتوننىڭ ماسسىسىدىن %27 چوڭ، ئەگەر پىلۇتون سەييارە ھېسابلانسا، ئۇنداقتا ئېرىس يۇلتۇزىمۇ چوقۇم سەييارە بولۇشى كېرەك.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

ئەمما، مەسىلە شۇكى، ئەگەر كېيىن يەنە ماسسىسى پىلۇتونغا باراۋەر كېلىدىغان نۇرغۇن ئاسمان جىسىملىرى بايقالسا، ئۇلارمۇ سەييارىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلەمدۇ؟

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، ئاسترونوملار «سەييارىلەرنىڭ ئېنىقلىمىسى»نى قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەييارىلەرگە قايتا ئېنىقلىما بەرگەن بولۇپ، ئۇلار جەمئىي ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

1. سەييارىلەر قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.

2. سەييارىلەرنىڭ ماسسىسى ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى ئارقىلىق ئۆزىنى بىر خىل شارسىمان جىسىم قىلىپ چەكلەپ تۇرىدۇ.

3. سەييارىلەر ئۆز ئوربىتىسىدىكى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى تازىلىيالايدۇ.

پىلۇتون نېمە سەۋەبتىن توققۇز چوڭ سەييارىلەر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

ئالدىنقى ئىككىسىدە پىلۇتون بىلەن ئېرىس ئوخشاشلا تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۈچىنچىسىنىڭ ئوربىتىسىدا نۇرغۇن باشقا ئاسمان جىسىملىرى بولغاچقا، ماس كەلمەيدۇ، قالغان سەككىز چوڭ سەييارە ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. شۇڭا، پىلۇتون بىلەن ئېرىس ئادەتتىكى سەييارە قىلىپ تۆۋەنلىتىلىپ، قالغان سەككىز چوڭ سەييارە داۋاملىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان.


نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى