ئالەم

مارستىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى يوللىغان «ئۆمۈچۈك» شەكللىك مەنزىرە

قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى ياشاشقا باب كېلىدىغان يەر شارىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە بىر سەييارە مارس بار بولۇپ، يەر شارى بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بار، ئۇلار بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىزدىكى ھاياتلىق يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور تاشقى پىلانېتالارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىملار نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى قويۇپ بېرىپ، مارسقا قارىتا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، مارستىكى ھاياتلىقنىڭ ئىزنالىرىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىرغا قەدەر گەرچە بەزى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى مارس يۈزى بىلەن ئۇچراشقان، ھەتتا مارسنىڭ يەر ئاستىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما مارستىكى ھاياتلىقنىڭ يىپ ئۇچىنى بايقىمىدى. بىراق، بۇ ئالىملارنىڭ قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرالمىدى، چۈنكى ئالىملار مارستىكى ھاياتلىق پەقەت بىر قىسىم ئىپتىدائىي مىكرو جانلىقلار بولۇشى مۇمكىن، تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك بولغاچقا، بۇ يوشۇرۇن مىكرو ئورگانىزملارنى بايقاش ناھايىتى قىيىن، دەپ قارايدۇ. بەزى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى مارسنى سۈرەتكە ئالغاندا بەزى غەلىتە ھادىسىلەرنىڭ غەلىتە كۆرۈنۈشلىرى يوللانغان بولۇپ، بەزى ھادىسىلەر ھەتتا يەر شارىدىكى جانلىقلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟

مارستىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى يوللىغان «ئۆمۈچۈك» شەكللىك مەنزىرە

نۆۋەتتە، «تيەنۋېن 1-نومۇر» ۋە «ئۈمىد» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى مارسنى ئايلىنىپ ئۇچقاندىن باشقا، NASAنىڭ مارسنى رازۋېدكا قىلىش ئوربىتا ئۇچقۇسىمۇ مارسنى ئايلىنىپ ئۇچۇۋاتىدۇ، بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى مارسنى ئايلىنىپ ئۇچقاندا، يۇقىرى بوشلۇقتىن مارسنىڭ يۈزىدىكى بەزى مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيدۇ. NASAنىڭ ئىلمىي دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 20 نەچچە يىل ئىلگىرىلا تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارس يۈزىدە بىر قىسىم «ئۆمۈچۈك»كە ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىللەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. مارسنى رازۋېدكا قىلىش ئوربىتىلىق ئۇچقۇسى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى مارسنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ رايونىدىمۇ قارىماققا «ئۆمۈچۈك»كە ئوخشايدىغان بىر كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالغان. ئەلۋەتتە، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ سۈرەت پەقەت مارس يۈزىدىكى قارىماققا «ئۆمۈچۈك»كە ئوخشايدىغان بىر قىسىم يەر شەكلىدىن ئىبارەت، ھەرگىزمۇ مارستا ئۆمۈچۈكتىن ئىبارەت بۇ جانلىقلار مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمما ئەينى چاغدا تەكشۈرۈش ئەسۋابى بۇ سۈرەتنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

مارستىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى يوللىغان «ئۆمۈچۈك» شەكللىك مەنزىرە

ھەمبەھىرلىگەن كۆرۈنۈشلەردىن بىز ئاشۇ «ئۆمۈچۈك»كە ئوخشايدىغان سۈرەتلىرىنىڭ قارا رەڭدە بولۇپ، خۇددى مارسنىڭ يۈزىگە ئويۇپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۆتكەن 20 نەچچە يىل ئىچىدە، ئالىملار بۇ «ئۆمۈچۈك»لەرنى تەتقىق قىلىشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ، بۇ «ئۆمۈچۈك» سۈرىتىنىڭ ئارقىسىدىكى مەخپىيەتلىكنى تېپىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، ھازىر ئالىملار مارستىكى «ئۆمۈچۈك»كە ئائىت بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئاشكارىلىدى.

مارستىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى يوللىغان «ئۆمۈچۈك» شەكللىك مەنزىرە

«ئىلى-پەن دوكلاتى»دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالىملار تەجرىبىخانىدا بىر پارچە قۇرۇق مۇز ۋە مارسنىڭ ئاتموسفېراسىغا تەقلىد قىلىنغان ئەسۋابنى ئىشلىتىپ، تەجرىبىخانىدا مارس «ئۆمۈچۈك»ىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەنزىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مارس ئاتموسفېراسىدا كاربون (IV) ئوكسىدىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مارس يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، مارس يۈزىدە زور مىقداردا قۇرۇق مۇز مەۋجۇت ئىكەن. مارستا پەسىل خاراكتېرلىك تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە، قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن مارس يۈزىدىكى بىر قىسىم قۇرۇق مۇزلار سۇبلىماتسىيەلىنىپ گازغا ئايلىنىدىكەن، ھەتتا زور مىقداردىكى كاربون (IV) ئوكسىدىنىڭ مارس يۈزىدىن قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، مارس يۈزىدە ئۆمۈچۈكسىمان يەر شەكلى شەكىللىنىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ئالىملارنىڭ تەجرىبىخانىدا چىقارغان يەكۈنى، مارس يۈزىدىكى «ئۆمۈچۈكسىمان» يەر شەكلىنىڭ راستتىنلا قۇرۇق مۇزنىڭ ئېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلېكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلغاندىلا ئاندىن مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

مارستىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى يوللىغان «ئۆمۈچۈك» شەكللىك مەنزىرە

ئىنسانلارنىڭ مارسقا كۆچۈشى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟

تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق بىز مارس يۈزىدىكى ھەر خىل ئاجايىپ-غارايىپ مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيمىز، بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلار مارسقا ئۆزى بېرىپ، مارسنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ مارسقا چىقىشى ۋە مارسقا كۆچۈشى ھازىر تېخى ناھايىتى يىراقتىكى ئىش، بەلكىم پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشىمۇ مۇمكىن. NASAنىڭ نۆۋەتتىكى پىلانى 2030-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى مارسقا چىقىرىش بولۇپ، SpaceX شىركىتى ھەتتا 2050-يىلىدىن بۇرۇن بىر مىليون ئادەمنى مارسقا چىقىرىشنى پىلانلىغان.

ئۇنداقتا، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ مارسقا بارغۇسى بار ئىكەن، ئەجەبا مارس بىز ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا راستتىنلا ماس كېلەمدۇ؟

مارستىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى يوللىغان «ئۆمۈچۈك» شەكللىك مەنزىرە

بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، مارس ئەمەلىيەتتە بىز ئىنسانلارنىڭ بىۋاسىتە ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى مارسنىڭ ئاتموسفېراسى ناھايىتى شالاڭ، ئاتموسفېرانىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربون (IV) ئوكسىدىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مارس يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن ھەمدە ئىنتايىن قۇرغاق. شۇڭا كەلگۈسىدە ئەگەر ئىنسانلار مارسقا قونسا، مارستا بىر قىسىم ياشاش ماكانى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: مارستا مارس شەھىرى بەرپا قىلىش ياكى پۈتكۈل مارسنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى بىۋاسىتە ياخشىلاپ، مارس يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مارس يۈزىدىكى مۇز ماددىلىرىنى ئېرىتىپ، سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ ھالىتىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلار. گەرچە بۇ خىل قاراش سەل خىيالى بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئالىملارنىڭ نەزىرىدە كەلگۈسىدە يەنىلا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.


نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى