ساغلاملىق

ھاجەتخانىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئالتە كىچىك تەپسىلات

ئەسكەرتىش: ماقالە مەزمۇنى بىزنىڭ دائىملىق تۇرمۇشىمىزدىكى بىز دىققەت قىلىپ بولالمايدىغان ئىشلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى مەقسەت قىلغان، تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماق يەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمىز!

كىشىلىك ھاياتتىكى بەش چوڭ ئىش- يەپ-ئىچىش، سىيىش، چىچىش، ئۇخلاش، بۇ بەش ئىشنىڭ ئىچىدە ھاجەتخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىكىلا ئىككى ئىشنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن سىز راستتىنلا ھاجەت قىلىشنى بىلەمسىز؟

بىلىشىڭىز كېرەككى، ھاجەتخانىغا كىرگەندىكى ئولتۇرۇش قىياپىتى، سۈرتكەن يۆنىلىش، ھەتتا ئىشلەتكەن تازىلىق قەغىزىنىڭ ھەممىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ ھالقىلاردا توغرا قىلالمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە ئۆزىڭىز زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ھاجەتخانىغا بارىدىغان ئىشلارنى پاراڭلىشايلى.

1.ھاجەتخانىغا كىرگەن چاغدىكى تۆت مەسىلە

1.تەرەت قىلغاندا زوڭزىيىپ ئولتۇرسا ياخشىمۇ ياكى ئولتۇرسا ياخشىمۇ؟

ئادەتتە ھاجەتخانىلارنىڭ ھەممىسى زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان ياكى بىۋاسىتە ئۈستىدە ئولتۇرىدىغان تەرەتداندىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، لېكىن كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، قايسىسى ياخشى؟ كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئالدىغا پىكرى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئىككى خىل ھالەتنىڭ ھەقىقەتەن پايدا-زىيىنى بار.

ھاجەتخانىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئالتە كىچىك تەپسىلات

1.زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ھاجەت قىلىش بىۋاسىتە ئولتۇرۇپ قىلغانغا قارىغاندا تېخىمۇ راۋان بولىدۇ.

«ئەگرى-بۈگرى سۇ تۇرۇبىسى بىلەن تۈپتۈز سۇ تۇرۇبىسىنىڭ قايسىسىنىڭ سۈيى تېز ئاقىدۇ» دېيىلسە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۈز دەيدۇ، چۈنكى قارشىلىق كۈچى كىچىك بولىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ تۈز ئۈچىيىمىزمۇ قانچە تۈز بولسا، ھاجەت شۇنچە راۋان بولىدۇ.

زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا، ئەتراپتىكى مۇسكۇللارنىڭ سوزۇلۇشى بىلەن، تۈز ئۈچەي تۈزلىنىپ، داس بوشلۇقىدىكى ئەزالار تۆۋەنگە سىلجىپ، قورساقنىڭ بېسىلىش رولى روشەن بولىدۇ ھەمدە مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇلىمۇ ئېچىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەسىر ئاستىدا چوڭ تەرەت تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ؛ بىۋاسىتە ئولتۇرغاندا مۇسكۇللار كۈچىگەندە، تۈز ئۈچەي ئېگىلىپ، چوڭ تەرەت ئانچە راۋان بولمايدۇ.

2. بىۋاسىتە تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرۇپ ھاجەت قىلىش زوڭزىيىپ ئولتۇرغانغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.

ھاجەتخانىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئالتە كىچىك تەپسىلات

ئۇزاق زوڭزىيىپ ئولتۇرسا، پۇتتا قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، ئىككى پۇت ئۇيۇشۇپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئولتۇرغاندىلا بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بىمارلىرىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىكى بەدەن ھالىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، باش قېيىش، يىقىلىپ كېتىش قاتارلىق تاسادىپىيلىقلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ئەپچىل ئامال: ئەگەر بىۋاسىتە تەرەتدان ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ھاجەت قىلغاندا، تېخىمۇ راۋان بولسۇن دېسىڭىز، پۇتىڭىزغا كىچىك ئورۇندۇق قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ، بەدەن سەل ئالدىغا 35 گىرادۇس قىيسايسا، يوتا بىلەن گەۋدىنىڭ ئارا بۇلۇڭى كىچىكلەپ، ھاجەت قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.

2. سۈرتكەندە يۆنىلىش ئالدىدىن كەينىگىمۇ ياكى كەينىدىن ئالدىغىمۇ؟

سۈرتىشتىمۇ ئاز-تولا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر يۆنىلىش توغرا بولمىسا، ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەگەر پاكىز سۈرتمىسە، باكتېرىيە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، شىللىق پەردىدە ياللۇغلۇق غىدىقلىنىش پەيدا بولۇپ، مەقئەت كۆيۈشۈپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ ئەگەر سۈرتۈش ئۇسۇلى بەك قوپال بولسا، مىكرو قان تومۇرلارنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي، ئاسانلا گېموروي پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

يۆنىلىشى: ئالدىن-كەينىگە بولسا

مەيلى چوڭ ياكى كىچىك تەرەت بولسۇن، ئاياللار سۈرتكەندە ئەڭ ياخشىسى ئالدىدىن كەينىگە سۈرتسە بولىدۇ.

چۈنكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى مەقئەت> جىنسىي يول> سۈيدۈك يولى بولۇپ، ئالدى-كەينىگە سۈرگەندە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تېخىمۇ ياخشى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ھاجەتخانىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئالتە كىچىك تەپسىلات

ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەرەتتىن كېيىن بۇنداق سۈرتسە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

ئۇسۇلى: «بىرىنچى قېتىم بېسىش، ئىككىنچى قېتىم سۈرتۈش، ئۈچىنچى قېتىم ئايلاندۇرۇش» پىرىنسىپى.

«بىرىنچى قېتىم بېسىش»تا تازىلىق قەغىزى قاتلانغاندىن كېيىن، مەقئەتكە تىك ھالدا يېنىك بېسىلىدۇ.

«سۈرتۈش»تە تەكشى سۈرتۈشنى، ئەڭ ياخشىسى تاق يۆنىلىشلىك، ئالدى يۆنىلىشلىك، كەينى يۆنىلىشلىك سۈرتۈشنى كۆرسىتىدۇ.

«ئۈچىنچى قېتىم ئايلاندۇرۇش» سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئىككى يېرىمنى ئايلاندۇرۇپ تېخىمۇ پاكىز سۈرتۈشنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ھۆل تازىلىق قەغىزى بىلەن سۈرتسە تېخىمۇ پاكىز بولىدۇ.

3. تازىلىق قەغىزىنى قانچە قېتىم قاتلاش كېرەك؟

تازىلىق قەغىزىنى ئادەتتە بىر قېتىم قاتلامسىز ياكى ئىككى قېتىم قاتلامسىز؟ بۇ كىچىك تەپسىلاتلارغا سەل قارىماڭ، بۇ سىزنىڭ گېموروي بولۇش ئېھتىماللىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگلىيە بېستروم خان جەمەتى ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت تازىلىق قەغىزىنى بىر قېتىم قاتلاپ ئىشلەتكەن ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تازىلىق قەغىزىنى ئىككى قېتىم (يەنى تۆت قەۋەت) قاتلىغانلاردا گېموروينىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى %17.53 تۆۋەنلەيدىكەن.

ھاجەتخانىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئالتە كىچىك تەپسىلات

چۈنكى بۇ خىل قېلىنلىقمۇ قان تومۇرلارنى ئۇۋۇلاش رولىنى ئويناپ، مىكرو قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوۋاسىر كېسەللېكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

4.تەرەتداندا سۇ ماڭدۇرغاندا، ياپقۇچ يېپىق تۇرغان ياخشىمۇ ياكى ئوچۇق تۇرغان ياخشىمۇ؟

ئەڭ ياخشىسى يەنىلا يېپىپ قويۇڭ. سۇ چايقىغاندا سۇ تۇمانلىرى پەيدا بولىدۇ، بەزى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سۇ پۈركۈشتىن ئاۋۋال تەرەت تۇڭىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويۇش كېرەك. بولۇپمۇ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ چىقىرىندىلىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئالتە كىچىك تەپسىلاتقا دىققەت قىلغاندا، ھاجەت قىلىش قىلىش ئاددىي ھەم خاتىرجەم بولىدۇ.

1. قەرەللىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرەت قىلىش

ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، بەدەندىكى مېتابولىزم تاشلاندۇقلىرىنى ۋاقتىدا چىقىرىپلا قالماستىن، گېموروينىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا «تەرەت» قىلسا، يېرىم ئاي ئەتراپىدا قانۇنىيەت شەكىللىنىدۇ.

ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ياكى ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىنكى 20 مىنۇت ۋاقىت، بۇمۇ ھاجەتخانىغا كىرىشنىڭ ياخشى مەزگىلى!

2. ۋاقىتنى بەش مىنۇتتىن ئاشۇرۋەتمەڭ.

ئەگەر چوڭ تەرەت قىلىش ۋاقتىنى 3 ~ 5 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلغىلى بولسا، ئاز دېگەندە %70 بوۋاسىر (گېموروي)نىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر بەش مىنۇت ئىچىدە تۈگمىسە ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ، يەنە بىر قىستىغاندا ئاندىن بېرىش كېرەك.

ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، چوڭ تەرەت قىلغاندا گېزىت كۆرمەسلىك، يانفون ئوينىماسلىق كېرەك. ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

3. چىقارغاندا بەك كۈچەپ كەتمەسلىك كېرەك.

دائىم كۈچەپ تەرەت قىلىدىغان كىشىلەردە ئاسانلا گېموروي پەيدا بولۇپ، قورساق چوقۇقى پەيدا بولىدۇ؛ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار چوڭ تەرەت قىلغاندا بەك كۈچەپ كەتسە، قان بېسىمى ئۆرلەپ، بەدەننىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى ئېشىپ، ئاسانلا بېشى قايىدۇ، ھەتتا مېڭىگە قان چۈشۈش، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

ھاجەتخانىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئالتە كىچىك تەپسىلات

4. ھاجەتخانىدا ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

بىر قىسىم ئائىلىلەر ھاجەتخانىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن، ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ پۈركۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.

ھاۋانى ساپلاشتۇرغۇچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى خىمىيەلىك بىرىكمە دورىلار بولۇپ، ئادەتتە ئېتىل ئېفىر، مۇئەتتەر قاتارلىق تەركىبلەردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ماددىلار پارچىلانغاندىن كېيىن ئەمەلىيەتتە ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئادەم بەدىنىگە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر غەيرىي پۇراقنى تېزدىن يوقاتماقچى بولغاندا، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دېرىزىنى ئېچىش ياكى گاز چىقىرىش شامالدۇرغۇچىنى ئېچىش ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

5. ھاجەتتىن بۇرۇن ۋە ھاجەتتىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك.

ھاجەتتىن كېيىن قول يۇيۇش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى، لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ھاجەتتىن بۇرۇنمۇ قول يۇيۇش كېرەك.

قولىمىز ھەر كۈنى ھەر خىل نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۈستىدىكى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تەرەت قەغىزىدە قولنى يۇيمىغاندا، بارلىق باكتېرىيەلەرگە تولۇق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ، ئىشنى تۈگىتىپ سۈرتكەندە، قولدىكى قالدۇق باكتېرىيەلەر «پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىپ»، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاجىز كۆپىيىش ئەزالىرىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن.

ھاجەتخانىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئالتە كىچىك تەپسىلات

شۇڭا بىخەتەرلىك ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى ھاجەتخانىنىڭ ئالدى-كەينىدە قولىڭىزنى يۇيۇڭ.

6. ئادەتتە «مەقئەتنى قىسىش ھەرىكىتى»نى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

مەقئەتنى قىسىش ھەرىكىتى مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەقئەت ئەتراپىدىكى قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، مەقئەت قىسمىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەقئەت يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. مەسىلەن: مەقئەت ئاقمىسى، گېموروي قاتارلىقلار؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار دائىم سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېسىلىنىڭ، ئەرلەر مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھەرىكەت مۇھىم نۇقتىلىرى: نەپەس ئالغاندا مەقئەتنى تارايتىش، مەسىلەن، چوڭ تەرەت قىلغاندا نەپەس چىقارغاندا مەقئەتنى ئاستا-ئاستا بوشىتىش، كىچىك تەرەت قىلىشتا، بىر قىسىپ بىر بوشىتىش بىر قېتىملىق مەقئەتنى كۆتۈرۈش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ھەر كۈنى 2 ~ 3 قېتىم قىلىشنى، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 مىنۇت داۋاملاشتۇرۇشنى، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.


نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى