ساغلاملىق

بەزى خانىم-قىزلارنىڭ بەكرەك تۈكلۈك بولۇشنىڭ سەۋەبى

بەزى خانىم-قىزلارنىڭ بەكرەك تۈكلۈك بولۇشنىڭ سەۋەبى

خانىم-قىزلارنىڭ ھەممىسى پاكىزلىقنى، گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، لېكىن بەزى خانىم-قىزلار كۆپ تۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ يۈز، قول، پۇت قىسىملىرىدا قويۇق تۈكلەر بولىدۇ، بولۇپمۇ كالپۇكىنىڭ ئ‍ۈستىدىكى ئۇزۇن سېرىق تۈكلىرى قويۇق بولۇپ، قارىماققا بۇرۇتقا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ تۈكلەر ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا، زادى نېمە سەۋەبتىن بەزى خانىم-قىزلارنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەر كۆپ بولىدۇ؟

خانىم-قىزلارنىڭ بەدەن تۈكى كۆپ بولۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلىرى بار:

1. ئ‍ىرسىيەت ئامىلى

ئىرسىيەت ئامىلى بەدەن تۈكىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئاتا-ئانىسى بەدەن تۈكلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭمۇ بەدەن تۈكى قويۇق بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق تەنلىكلەر ياشاش مۇھىتىغا ماسلىشىش ھەمدە سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا بەدەن تۈكلىرى تەدرىجىي قويۇقلىشىپ، قويۇقلۇق دەرىجىسى سېرىق تەنلىكلەرنىڭكىدىن كۆپ كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن.

2. ئ‍ەرلىك ھورمۇننىڭ كۆپىيىشى

بەدەن تۈكلىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەرلەرنىڭ بەدەن تۈكى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ، چۈنكى ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە ئەرلىك ھورمۇنى بىر قەدەر كۆپ. ئەگەر ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز كۆپىيىپ كەتسە، بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بەدەن تۈكلىرىنىڭ كۆپىيىپ، قويۇقلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئ‍ادەتتە بۆرەك ئۈستى بېزى جىنسىي بەز يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، تۇخۇم پۈۋەكچە پەردىسى ئۆسۈش كېسىلى، ھىپوفىز ئۆسمىسى، ھىپوفىز ھۈجەيرە بەز ئۆسمىسى، مۈچە ئۇچلىرى يوغىناش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئەرلىك ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللاردا بەدەن تۈكىنىڭ قويۇقلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزى خانىم-قىزلارنىڭ بەكرەك تۈكلۈك بولۇشنىڭ سەۋەبى

3. كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (多囊卵巢综合征)

كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى توي قىلغان ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، چۈنكى توي قىلغان ئاياللارنىڭ تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىسىنىڭ ھىپوفىز ئىقتىدارىنى تەڭشىشىدە ئ‍اسانلا توسالغۇ پەيدا بولىدۇ، شۇڭا دەسلەپتە بەدەن تۈكلىرى يېنىك دەرىجىدە كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئ‍ادەت توختاش، ئ‍ادەت قالايمىقانلىشىش، سېمىزلىك قاتارلىق ئالامەتلەردىن كېيىن بەدەن تۈكلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ بىلەك، پاقالچاق، سىرتقى جىنسىي ئەزا ۋە مەقئەت ئەتراپى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى ياكى ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك، چۈنكى كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ئاياللارنى ئۇزۇن مەزگىل ئ‍ادەت توختاش، تۇخۇم چىقارماسلىق ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى غىدىقلاپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە بۇ كېسەل ئىنسۇلىننىڭ ئ‍اجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

4. ئ‍ۆسمە

ئاياللار بەدەن تۈكى ئەھۋالىنى كۆزىتىشى كېرەك، ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن تۈكى تۇيۇقسىز كۆپىيىپ كەتسە ھەمدە داۋاملىشىش ۋاقتى يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتسە، تۇخۇمدان ياكى بۆرەك ئۈستى بېزىدە ئۆسمە پەيدا بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ تۈردىكى ئۆسمە ئاياللارنىڭ كۆپ مىقداردا ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بەدەن تۈكلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

5. دورا ئامىلى

نۇرغۇن كىشىلەر تېرە قىچىشقاندا، تېرە ياللۇغى دەپ قاراپ تېرە مەلھىمى ئىشلىتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ مەلھەملەرنىڭ تەركىبىدە ھورمۇنلۇق تەركىبلەر بار بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندىن كېيىن، يۈز قىسمىدا تۈك كۆپىيىش، تېرە يىگلەش، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، شۇنداقلا ھورمۇن خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا نورمال گىرىم بۇيۇملىرىمۇ تېرىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن تۈكلىرى كۆپىيىش، ئۆزگىرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلىك ھورمۇن تەركىبلىرى بار دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتما ماددىلىرىنىڭ ئ‍اجرىلىشى تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەرنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەب.


نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى