ساغلاملىق

ئەڭ يېڭى بايقاش: چېچىڭىزنى ساقلاپ قېلىشتا ئۈمىد بار بولدى

ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، ھامان بەزى نەرسىلەرنىڭ كۆپرەك، تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشىنى، بولۇپمۇ چاچنىڭ بىر تال كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن تۇرمۇش بېسىمىدا ھەمىشە چېچىمىز باشتا تۇرمايدۇ. «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ تەتقىقاتى يەنە بىر قېتىم بېسىمنىڭ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى، ھالبۇكى كورتىزول (كېتون) بۇ خىل بېسىم ھورمۇنى، ھەقىقەتەن چاچ قاتىلى ئىكەن. شۇڭا چېچىمىز ئۈچۈن بېسىمنى يېنىكلىتىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئەڭ يېڭى بايقاش: چېچىڭىزنى ساقلاپ قېلىشتا ئۈمىد بار بولدى

تۈك خالتىسىنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسى چاچنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار قارىماققا يۈزەكى تېرە ئاستىغا قىستۇرۇلغان ئۆتۈشمە يولغا ئوخشايدۇ ھەمدە ھەقىقىي تېرە قاتلىمىغىچە سوزۇلىدۇ. پۈتكۈل يول ھەر خىل ھالقىلىق تۈزۈلۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:تۈك خالتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى ئۇچى پاپىللا (真皮乳头) بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قىل قان تومۇرلار بار، ئۇ تۈك خالتىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ تۈك خالتىسىنىڭ يەنە ئالاھىدە ئىچكى يىلتىز غىلىپى ۋە تاشقى يىلتىز غىلىپى بولۇپ، تېرە ياغ بېزى قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇلمىلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ رايونلاردا مەسىلە كۆرۈلسە، چاچنىڭ سۈپىتىگە ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەڭ يېڭى بايقاش: چېچىڭىزنى ساقلاپ قېلىشتا ئۈمىد بار بولدى

يېشىل رەڭ بولسا تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىسى بولغان تومپىيىپ چىققان قۇرۇلمىسى.

مەيلى سىزنىڭ چېچىڭىز ئاز بولسۇن ياكى چېچىڭىز قويۇق بولسۇن، چاچ ئۆسۈش دەۋرىيلىكىگە ئەمەل قىلىدۇ، تەرتىپ بويىچە ئۆسۈش مەزگىلى (anagen) ، چېكىنىش مەزگىلى (catagen) ۋە تۇرغۇن مەزگىلى (telogen) نى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوخشىمىغان تۈك خالتىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ھالىتى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۆسۈش مەزگىلىدىكى تۈك خالتىسى قانچە كۆپ بولسا، چاچ شۇنچە قويۇق كۆرۈنىدۇ. ئەگەر زور تۈركۈمدىكى تۈك خالتىلىرى سىرتقى كۈچ ياكى ئىچكى سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇزاققىچە تۇرغۇن ھالەتتە تۇرسا، مەسىلەن، ئەسلىدە تۈك خالتىلىرىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىلىرى ئاكتىپلاشتۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا چاچ ئۆسمەيدۇ، بۇ خىل ھادىسە داۋاملىق يۈز بەرسە، بىز دائىم ئۇچرىتىدىغان تاقىرباشلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

نۆۋەتتە بايقالغان چاچنىڭ ئۆسۈش مېخانىزمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىسى ئۇزۇن مەزگىل جانلىنىدۇ ھەمدە كۆپىيىشكە باشلايدۇ. مۇشۇ بىر قەدەم باشلانغاندىن كېيىن، تۈك خالتىسى قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز زاپاس كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مۇشۇ ئاساستا تۈك خالتىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى قۇرۇلمىلارمۇ چاچ چىقىرىش ھالىتىگە كىرىپ، چاچ چىقىشقا باشلايدۇ. تېخىمۇ كۆپ تۈك خالتىلىرى ئۆسۈش مەزگىلىگە قاراپ ماڭغاندا، ئۇلار بىزنىڭ چاچ قوشۇنى قۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. پەقەت بۇ جەريان ناھايىتى ئاسانلا بەدەندىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بېسىم، ھورمۇننىڭ قالايمىقانلىشىشى دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان سەلبىي تەسىرلىك ئامىللاردۇر.

ئەلۋەتتە بۇ خىل سۆز-چۆچەكلەر ھەقىقەتەن قۇرۇق گەپ ئەمەس. «تېرە كېسەللىكلىرى دورىلىرى ژۇرنىلى» (皮肤学药物杂志)نىڭ بىر پارچە ماقالىسىدە بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چاچ چۈشۈش ئەھۋاللىرى يەكۈنلەنگەن. تىنچ مەزگىلدە چاچ چۈشۈش بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بېسىمدىن كېلىپ چىقىدىغان چاچ چۈشۈش كېسەللىكى بولۇپ، ئادەم ئۇزاق مۇددەت بېسىم ئاستىدا تۇرغاندا، بەلگىلىك نىسبەتتىكى ئۆسۈش مەزگىلىدە چاچ تېز سۈرئەتتە تىنچ مەزگىلگە ئۆتۈپ، يامراش خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىچىك چاشقانلار تەجرىبىسىدە مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا بېسىم تۈكنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بېسىم ھورمۇنى كورتىزولنىڭ رولىنى ئالىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.

بېسىم ھەقىقەتەن چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۈك خالتىسى ئۇزۇن مەزگىل تۇرغۇن ھالەتتە تۇرسا، چاچنىڭ ئۆسۈپ چىقالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرگەندە، مەسىلە يەنىلا تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىسىدە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، ھەقىقىي تېرە شورىغۇچىسى قاتارلىقلارنىڭ تۈك خالتىسى ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تالا ھۈجەيرىسى بولۇپ، تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىسىنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

«تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتى يەنە بىر قېتىم «بېسىم ئادەمنىڭ چېچىنى چۈشۈرىدۇ» دېگەن قاراشنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قويۇق چاچنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەنىلا بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىپ، بەدەندىكى بېسىم ھورمۇنىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت.

ئەمما ئەگەر سىزدە ئەرلىك ھورمۇن مەنبەلىك چاچ چۈشۈش بولسا، مەسىلەن، ياغ تەپچىرەيدىغان چاچ چۈشۈش بولسا، ئۇنداقتا بۇ يۇقىرىقى ئەھۋال بىلەن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇردىن توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سوراپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.


نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى