ئاجايىباتلار

دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق، غەلىتە جايلار! چۈشىڭىزدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان

تەبىئەت دۇنياسىدا نۇرغۇن سىرلىق ھادىسىلەر مەۋجۇت، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىلىم-پەننىڭ سەۋىيىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش تەس. مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بولمىغانسىرى بۇ ھادىسىلەر كىشىلەردە زور قىزىقىش پەيدا قىلدى. تۆۋەندە بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ئالتە ھادىسىنىڭ ھەر بىرى ئىنتايىن غەلىتە ۋە سىرلىق.

  1. سىبىرىيەدىكى سىرلىق چوڭ ئازگال.

بۇ چوڭ ئازگال «يامار» يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. ئۇ ناھايىتى چوڭ ھەم چوڭقۇر ئازگال بولۇپ، ئىگىزدىن قارىغاندا ئۇ خۇددى بىپايان يايلاققا نەقىشلەنگەن بىر تال موگونىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ. تۆت ئەتراپىنى ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر ئوراپ تۇرىدۇ، پەقەت مۇشۇ ئازگالدىلا گىياھ ئۈنمەيدىغان بولغاچقا، ئازگالنىڭ ئەتراپى سېرىق توپا بىلەن قاپلانغان. ئۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىگە كەلسەك بەزىلەر مېتېئورىت تاشنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمانلانغان، لېكىن بۇ گۇمانغا قارىتا ھازىرغىچە كۈچلۈك دەلىل-ئىسپات تېپىلمىدى.

2. غەلىتە چەمبىرەك
غەلىتە چەمبىرەك ئافرىقا چېگرىسى ئىچىدىكى نامىبىيەگە جايلاشقان. بۇ يەردىكى بىر چۆللۈكتە شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان چەمبىرەكلەر بار بولۇپ، قارىماققا خۇددى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ تېرىسىدە پەيدا بولىدىغان داغقا ئوخشىشىپ كەتكەچكە، ئادەمدە ئىختىيارسىز قورقۇنچ پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بۇ يەردە قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقى، قەيەردىن كەلگەنلېكىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ.

3. جىمجىت رايون
جىمجىت رايون كۆپچىلىككە ئانچە تونۇش بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بېرمۇدا كۆپچىلىككە ناتۇنۇش ئەمەس. جىمجىت رايون بېرمۇدا بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ يەردە مەيلى قانداقلا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتەيلى، ھەممىسى كارغا كەلمەيدۇ. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بىر نوقتا. بەزىلەر بۇ يەردە بىر پارچە ماگىنىت مەيدانى مەۋجۇت. لېكىن ئۇنى ئىنسانلار كۆرەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر بۇنى تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ كاشىلىسى دەپ قارايدۇ. ھازىرغىچە بۇ توغرىسىدا ئېنىق، بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق.

4. ئۇسسۇل ئورمانلىقى
بۇ ئورمانلىقنىڭ ئىسمى ئاڭلىماققا ئىنتايىن رومانتىك. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە ئۆسكەن دەل-دەرەخلەر ئەگرى-بۈگرى بولغاچقا، كىشىگە خۇددى ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ بىر ئاجايىپ مەنزىرە بولۇپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى توغۇرلۇق ھازىرغىچە بىرەر ئېنىق جاۋاپ تېپىلمىدى.

5. غەلىتە يورۇقلۇق توپى

ھەر قېتىملىق گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر پەسلىدە، ئاسماندا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ ئۇنىڭغا قۇشۇلۇپ قاتتىق چاقماق چېقىپ، بەزىدە ھەتتا پۈتكۈل ئاسمان گۈمبىزى كېسېلىپ كەتكەندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ قارىماققا ھەيۋەتلىك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئادەمدە قورقۇنچ تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. نورۋېگىيەدىكى بىر جىلغىدا ئاسماندا دائىم بىر قىسىم يورۇقلۇق توپى پەيدا بولىدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ چاقماق ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى سىرتتىن كەلگەن ئۇچار جىسىم دەپ گۇمان قىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئالىملار بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە سەۋەبىنى تاپالمىدى.

6. تىك تۆت تەرەپلىك گىگانت تاش
بۇ قورام تاش لىۋان چېگرىسى ئىچىدىكى بالبېك شەھىرىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ بىر پۈتۈن شەكلى بىر قەدەر ئۆلچەملىك تىك تۆت تەرەپلىك بولۇپ، بۇ تاش ئۇزۇن يىل جىمجىت ياتقان. قورام تاشنىڭ ھەجىمى 432 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، بەزىلەر ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2000 توننا كېلىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى. ئۇ قانداق بولۇپ بۇنداق مۇكەممەل تۆت تەرەپلىككە ئايلانغان؟ بۇنى ھازىرقى زاماندىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان تۇرسا قەدىمكى زاماندا تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ تەستە.
ئەلۋەتتە يۇقىرىقى غەلىتە ھەم سىرلىق ھادىسىلەردىن باشقا، ئىنسانلارنىڭ سىرىنى ئېچىشىنى كۈتىۋاتقان يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئىنسانلار بىلىمنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ھامان بىر كۈنى بۇ غەلىتە ھادىسىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى بايقاپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىنى قاندۇرىدۇ.

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى