ئاجايىباتلار

ئۇدا 137 يىل قىز پەرزەنت كۆرەلمىگەن «غەلىتە» جەمەت

دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كۆز قارىشىدا «بالىلىق بولۇش قېرىغاندا يار-يۆلەكسىز قالماسلىق ئۈچۈن» دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ئەگەر بىر ئائىلىدىكى، ھەتتا پۈتۈن بىر جەمەتتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوغۇل بالا بولسا، قانداق بولىدىغاندۇ؟

ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدا مۇشۇنداق بىر جەمەت بار. بۇ جەمەتتىكېلەر بالىلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ قىزلارنى كەمسىتىدىغان كۆز قاراش يوق بولۇپ، ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالا ئوخشاش دەپ قارايدىكەن.

ئەمما، بۇ جەمەتتىكېلەر ئۇدا 137يىلدىن بۇيان پەقەت ئوغۇل پەرزەنتلىكلا بولۇپ كەلگەن بولۇپ، پۈتكۈل جەمەتتە بىرمۇ قىز بالا يوق ئىكەن. دەسلەپتە جەمەت ئەزالىرى بۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلمىغان، ئەمما جەمەتتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جەمەت ئەزالىرى ئاخىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىغان، «نېمىشقا جەمەتىمىزدىكىلەردىن ھېچقايسىسى قىز تۇغمايدۇ؟»

بىر قاتار ئويلىنىشلاردىن كېيىن، ئۇلار مۇنداق يەكۈن چىقارغان: «جەمەتىمىزدىكىلەرنىڭ گېنى بەك كۈچلۈك ئىكەن، شۇڭا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئوغۇل پەرزەنتلىكلا بولۇپ كىلىۋاتقان ئوخشايمىز.» بۇ جەمەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىرەر قىز بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىغا ئىنتىزار بولغان.

بۇ جەمەتتىكى بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇن ئاخىر بۇنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان. بۇ قىزنىڭ تۇغۇلىشى بۇ جەمەتتىكى بارلىق جەمەت ئەزالىرىنى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بۇ قىزنىڭ جەمەتىگە قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىتەن تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ھەتتا يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ناھايىتى چوڭ ئېلان تاختىسى ياساپ، جەمەتىدە ئاخىرى قىز تۇغۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

دەرۋەقە، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان بىرەر قىز تۇغۇلمىغان جەمەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قىزنىڭ تۇغۇلۇشى ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش بولغان. قوشنىلىرىمۇ بۇ جەمەتتىكېلەرگە ياخشى تىلەكلەر تىلىگەن. پۈتۈن جەمەتتىكى بۇ بىردىنبىر قىز بوۋاق كىچىك مەلىكىگە ئايلانغان.

نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ جەمەتكە ياتلىق بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوغۇل تۇغىدىغان بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئوخشايدۇ، دەپ قارىغان.

لېكىن، بۇ قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟

بىئولوگىيە دەرسىدە كىشىلەرنىڭ تېنىدە X ۋە Y خىروموسوم مەۋجۇت بولىدىغانلىقى، ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە XY خىروموسوم، ئاياللارنىڭ بەدىنىدە XX خىروموسوم بولىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.

ئەگەر ئەرلەرنىڭ X خىروموسومى بىلەن ئاياللارنىڭ X خىروموسومى ئۆزئارا بىرىككەن بولسا، تۇغۇلغان بوۋاق چوقۇم قىز بولىدۇ.

ئەگەر ئەرلەرنىڭ Y خىروموسومى بىلەن ئاياللارنىڭ X خىروموسومى بىرلەشسە، بوۋاق ئوغۇل بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ سەۋەب ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى خىروموسوما بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس.

نۇرغۇن كىشىلەر ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسى ھامىلىنىڭ جىنسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئاياللارنىڭ تېنى كىسلاتالىق ھالەتكە كەلسە، قىز تۇغىدىكەن، ئەكسىچە ئاياللارنىڭ تېنى ئىشقارلىق ھالەتتە بولسا، ئوغۇل تۇغىدىكەن. شۇڭا، كىشىلەر ئىشقارلىق بەدەن خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئاياللارنى ئوغۇل پەرزەنت تۇغىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بەلگىلىك دائىرىدە تۇرىدىكەن. ئەگەر كىشىلەر بەدەندىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىۋەتسە، ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرالمايلا قالماستىن، بەلكى ئادەمنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

قىسقىسى، ئوغۇل تۇغىدىغان بەدەن شارائىتى دېگەن بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئوغۇل تۇغۇش ياكى قىز تۇغۇش پەقەت بىر ئېھتىماللىق مەسىلىسى، شۇنداقلا ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ گېن بىرىكمىسى مەسىلىسى. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بەزى ئاساسسىز قاراشلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكى كېرەك.

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى