چىلاننىڭ ئوخشاش بولمىغان يېيىش ئۇسۇلى
چىلان سۈيىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم : ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ
چىلان، لۇڭيەن مېۋىسىنى قارا شېكەر سۈيىدە قاينىتىپ، چىلان، لۇڭيەن مېۋىسى ئېزىلگەندە تۇخۇمنى سالىمىز، سۇس ئوتتا تۇخۇمنى پىشۇرىمىز. چىلان، لۇڭيەن مېۋىسى ۋە قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلاش ئۈنۈمى بار.
چىلان شوۋىگۈرۈچى : ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ
مۇۋاپىق مىقداردىكى پىيازگۈل، نېلۇپەر ئۇرۇقى، چىلان، تېرىق قاتارلىقلارنى بىللە قاينىتىپ ئېچىپ بەرسە، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
چىلان چېيى : كېكىردەكنى ئاسىرايدۇ
چىلان بىلەن لۇڭيەن مېۋىسىنى بىللە چاي دەملەپ، ئىچىپ بەرسە قان تولۇقلايدۇ . قىزىل چاينى قورۇپ قارا ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئاشقازان ئاغرىقى ۋە سوغۇقى ئېشىپ كېتىشنى داۋالايدۇ.
چىلان شورپىسى : يۆتەل توختىتىدۇ
ئاق مورنى سۇغا چىلاپ كۆپكەندىن كېيىن، چىلان، ناۋات بىلەن بىللە قازانغا سېلىپ، ئالدى بىلەن چوڭ ئوتتا قاينىتىپ، ئاندىن سۇس ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىمىز، يۆتەل توختىتىش رولى بار.
دۈملەنگەن چىلان : دەم سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
چىلاننىڭ قان تولۇقلايدىغان رولى بار بولۇپلا قالماي، يەنە زىققا كېسىلى بىمارلىرى، بولۇپمۇ، يېشى چوڭراق بىمارلار چىلاننى دۈملەپ، كۆپرەك يەپ بەرسە، زىققا كېسىلىگە قارىتا بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش رولى بار.