جۇغراپىيە

خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسى

خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسى

 

خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسى شىنجاڭ غا جايلاشقان شارقىراتما، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3200 مېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى7-6 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر.

تونۇشتۇرۇش

خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسى خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسى شىنجاڭ دىكى بايىنبۇلاق يايلىقى يولغا چىقىپ، 30-40 كىلومېتىر ماڭغاندا، تاغلىرى ئىگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر، بۇلۇت بىلەن قاپلانغان خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسىغا يېتىپ بارغىلى بۇلىدۇ. بۇ ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر، كەڭلىكى يېرىم كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان جىلغا ئىچىدە، كىشىلەر تەرىپىدىن «قارلىق تاغدىكى كۈمۈش شايى» دەپ ئاتالغان خاۋ تېڭ سارا ئىگىز شارقىراتمىسى بار، سۇ تەخمىنەن 30 مېتىر كېلىدىغان قىيا ئۈستىدىن تۆۋەنگە ئېقىپ چۈشىدۇ، تۇمان قاپلاپ، دەھشەتلىك ئاۋاز چىقىرىدۇ. خاۋ تېڭ سارا شارقىراتما دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3200 مېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى 7-6مېتىر، ئاستىنىڭ كەڭلىكى 15 مېتىر. 

مەنزىرىسى

خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسىشارقىراتما ئەتراپنىڭ مەنزىرىسى پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. باش قىشتا شارقىراتمىنىڭ تۆت ئەتراپى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان، كاجېپۇت دەرىخلىرىدە مۇز ساڭگىلايدۇ، بەئەينى خرۇستال دۇنيا؛ يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، شارقىراتمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ياپيېشىل يېشىل قارىغايلار، رەڭگارەڭ گۈلـلـەر گۈزەلـلىك ئېچىلىپ، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدۇ؛ يامغۇردىن كېيىن تۇمانلار تارقاپ، ھەسەن-ھۈسەن چىقىدۇ، تاغلار يېشىل، سۇلار سۈزۈك، ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى