جۇغراپىيە

قوڭۇر چوققىسى

قوڭۇر چوققىسى

 

قوڭۇر چوققىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى گە جايلاشقان، كۇئېنلۇن تېغىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ بىرى.

 

تونۇشتۇرۇلۇشى

قوڭۇر چوققىسىقوڭۇر چوققىسى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى گە جايلاشقان، كۇئېنلۇن تېغىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ بىرى، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 7649 مېتىر، تاغ چوققىسى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، تاغ ئارىسىدىكى ئېسىلغان مۇزلۇقلار تال-تال پارقىراپ تۇرىدۇ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك.

 

ئورنى

قوڭۇر تۆپە چوققىسى بىلەن قوڭۇر چوققىسى يانداش بولۇپ، خۇددى يېقىن بىر جۈپ ئاچا-سىڭىلغا ئوخشايدۇ. قوڭۇر تۆپە چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 7530 مېتىر.

 

قوڭۇر تۆپە چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 7530 مېتىر، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 75.1 گىرادۇس، شىمالىي كەڭلىكى 38.6 گىرادۇس، ئىككى چوققا ئوخشاشلا غەربىي كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي تاغ قاپتىلىغا قاتىرىسىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، تۈز ئارىلىقى پەقەت 15 كىلومېتىر. ئۇلارنىڭ تاغ باغرىلىرى ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ، شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە. ئۇلار بىلەن جەنۇبىي مۇز تاغ ۋە غەربىي كوئىنلون تاغ تىزمىسى، شەرقىي پامىر ئىگىزلىكىدىكى ئۈچ مەشھۇر ئىگىز چوققا دەپ ئاتىلىدۇ.

 

كىلىماتى

قوڭۇر چوققىسىئىككى چوققا شەرقىي پامىر ئىگىزلىكىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان، نۇرغۇن تىزمىسى ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياندىن كەلگەن ھاۋا ئېقىمىنى توسۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئىقلىمى ئىنتايىن قۇرغاق، ھۆل-يېغىن ئاساسلىقى يۇقىرى بوشلۇقتىكى غەرب شامىلى ئېلىپ كەلگەن ھاۋا ئېقىمى ۋە قۇتۇپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىلەن نەم ھاۋا ئېقىمى ئۆزئارا تەسىرىدىن كەلگەن، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 7500 مېتىر، يەر ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20-ئەتراپىدا، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ℃30-، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 ~ ll بال، ئادەتتىكى شامال كۈچى 7 بال ئەتراپىدا. ھاۋا رايىنىڭ كۆپلەپ ئۆزگىرىشى بۇ رايوننىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، ھەتتا ياز كۈنلىرى تاغدا شىۋىرغان چىقىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ℃20- قا چۈشىدۇ. ئادەتتە تاغقا چىقىش پائالىيىتىنى 6-ئايدىن 8-ئايلارغىچە ئورۇنلاشتۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى