جۇغراپىيە

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى

 

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غا جايلاشقان. ئارشەن جىلغىسىدا ئارشاڭ كەڭ تارقالغان، بۇلاق كۆپ، سۇنىڭ ھارارىتى يۇقىرى، سۈيى تاتلىق، تەركىبىدە كۆپ خىل مىنېرال ماددا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار، تېببىي ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى بىلەن شىنجاڭدا داڭق چىقارغان.

تونۇشتۇرۇش 

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭىئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غا جايلاشقان. موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «مۇقەددەس بۇلاق»، ئارشەن جىلغىسىدا ئارشاڭ كەڭ تارقالغان، بۇلاق كۆپ، سۇنىڭ ھارارىتى يۇقىرى، سۈيى تاتلىق، تەركىبىدە كۆپ خىل مىنېرال ماددا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار، تېببىي ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى بىلەن شىنجاڭدا داڭق چىقارغان. ئارشاڭ سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 43-63 ئوتتۇرىسىدا، بىر قىسىم ئارىشاڭ تۆشۈكىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق سۇدا چاي دەملىگىلى، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى چىلىغىلى بولىدۇ. ھەر بىر سۇ چىقىش ئېغىزىدىن چىققان سۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان داۋالاش رولى بار.

ئارىشاڭ ئۈنۈمى

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭىئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي بۇلاق، سۇ تەركىبىدىكى رادىئوئاكتىپ ماددا رادون ئادەتتىكى ئۆلچەمدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان مىنېرال بۇلاق. يۇيۇنۇش ئارقىلىق، كېسەل داۋالاشتا يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكى، نېرۋا ناركوزلىنىش، پالەچ، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلارنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار. خېجىڭ ناھىيەسى بۇ يەردە مېھمانخانا تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلىگەن. 

مەنزىرىسى

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭىئېرىق سۇلىرى سۈزۈك تاغلىرى يېشىل، قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرىدۇ. ئارىشاڭ ئەتراپىدا ئىگىز شارقىراتما بار، دېڭىز يۈزىدىن 3400 مېتىر كېلىدۇ، مۇزلۇق ئېرىپ سۇ 30 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تىك يار ئۈستىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، سۇلار چاچراپ، تۇمان قاپلاپ، تولىمۇ كۆركەم كۆرىنىدۇ. يانتۇ ساي ئىچىدە شەمشاد تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئىگىز تاغ چىملىق ئۈستىدە قانتېپەر، سوغىگۈل، قۇرت ئوت قاتارلىق قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى ئۆسىدۇ. يېقىن ئەتراپتىكى قىيا ئۈستىگە نۇرغۇن دىنىي قىيا تاش رەسىملىرى سىزىلغان. 

جىلغا ئېغىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، لاما دىنى ئىبادەتخانىسى بار، تۇرغۇت موڭغۇل قىسمى شەرققە قايتىپ كەلگەندە، داڭلىق چوڭ لاما لوساڭدەن قوشۇننى باشلاپ ۋولگا دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن، بايىنبۇلاققا قايتقان تۇرغۇت قەبىلىسى ئەڭ بالدۇر سالغان لاما دىنى ئىبادەتخانىسى. 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى