قىزقورغان خارابىسى
قىزقورغان خارابىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
قىزقورغان خارابىسىقىزقورغان خارابىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يۇتقۇنچاق بۆلىكى قارا چى جىلغىسىدىكى بىر دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4000 مېتىر كېلىدىغان تاغ ئۈستىدە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ قەدىمكى قورغان خارابىسىنىڭ بىرى.
يەرلىك تاجىك كىشىلەر ئۇنى «قىز قورغان» دەپ ئاتاشقان، «مەلىكە قورغان» دېگەن مەنىدە.
قىزقورغان خارابىسىنىڭ ئالدى دەريا سۈيى قارا سىياھدەك جۇشقۇنلاپ ئېقىپ تۇرغان تاشقورغان دەرياسىغا تۇتاشقان، كەينى كۆككە تۇتاشقان پىسىلىڭ داۋىنىغا تۇتاشقان، ئىگىز چوقچىيىپ تۇرغان، تىك ھەم خەتەرلىك سېپىل، قاتلانغان ئىشىك، گەمە ئۆي ۋە تاش ھوجرا بار، قەدىمىي قەلئە جايلاشقان تاغ ئىنتايىن خەتەرلىك، شىمالىدا تاغ جىلغىسى بار بولۇپ پىسىلىڭ داۋىنىغا بارغىلى بولىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4000 مېتىر. يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي يولغا جايلاشقان.