جۇغراپىيە

تاغارما ئارىشىڭى

تاغارما ئارىشىڭى

 

تاغارما ئارشىڭى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى نىڭ شىمالىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

تونۇشتۇرۇلۇشى

تاغارما ئارىشىڭىتاغارما ئارشىڭى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى نىڭ شىمالىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3000 مېتىر، ئارىشاڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، شەرق تەرىپىدە كەڭ، يېشىل ئوت-چۆپلەر، گۈل- گىياھلار بىلەن قاپلانغان ئوتلاق بار. بۇلاق سۈيى كابى يېڭى تاغ جىلغىسىدىن ئېقىپ چىققان، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃67، سۇ سۈپىتى ياخشى، تەركىبىدە گۈڭگۈرت فوسفور قاتارلىق ماددىلار بار، تېرە كېسىلىنى، رىماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايدۇ، ئارىشاڭ ئەتراپىدا يەنە بەش كۆز بۇلاق بار، سۈيى يۇمشاق، بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچسە پايدىلىق. 1963-يىلى بۇ يەردە مۇنچا سېلىنغان، 1974-يىلى يەنە كېڭەيتىلگەن، ھەر مىللەت خەلقىنى يۇيۇنۇش، داۋالاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئارشاڭ ھەققىدە

ئارىشاڭ سۈيى بىر خىل يەر ئاستى تەبىئىي بۇلاق سۈيىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 5 سېلسىيە گىرادۇس، فارېنگېيت 10 بېسىمىدىن يۇقىرى. سۇ تېمپۇراتۇرىسىدا يۇيۇنۇشقا، بەشىرە پىشۇرۇشقا، يەل قازان گۆشى پىشۇرۇشق بولىدۇ، چۈنكى ئارىشاڭ تەبىئىي پەيدا بولغان، شۇڭا ئوتۇن ياكى سۇ ئىسسىتقۇچ بىلەن قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئارىشاڭدا ئەڭ كۆپ بولغان ئېنىرگىيە پەقەت ئىسسىق سۇ.

مۇۋاپىق بولغان ساياھەت ئۇسۇلى 

يۇيۇنۇش، كۈتۈنۈش، دەم ئېلىش.

قاتنىشى

تاشقورغان چېگرا ئىچىدە قاتناش قولايلىق، يول تورى گىرەلىشىپ كەتكەن، 314-دۆلەت يولى شۇ دائىرىدىن ئۆتىدۇ.

تۇرالغۇ جاي

قەشقەر جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدا مېھمانخانا ناھايىتى كۆپ. پامىر مېھمانخانىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان. ئارشاڭ كىشىلەرنى يۇيۇنۇش، دەم ئېلىپ داۋالىنىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

ئۆزگىچە تائاملىرى

تاغارما ئارىشىڭىسوقما كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى، لەغمەن، پولو، خاس پاقلان گۆشى، ئانار شەربىتى قاتارلىقلار بار.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش

ئارشاڭدا گۈڭگۈرت، ناترى، كالتىسى، مانگان، كۈمۈش، بور قاتارلىق 20 نەچچە خىل ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان مىكرو ئىلمىت بار، رېماتىزىمنى، ئاياللار كېسىلى، تېرە كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى