جۇغراپىيە

قارا تۇلپار پەن–تېخنىكا باغچىسى

قارا تۇلپار پەن–تېخنىكا باغچىسى

 

قارا تۇلپار پەن–تېخنىكا باغچىسى دۆلەتنىڭ 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ شىمالىغا جايلاشقان، سانجى شەھىرى گە 4 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ باغچىنىڭ كۆلىمى 260 مو، ساياھەت قىلىش، دەم ئېلىش، سۇ ئۈزۈش، بېلىق تۇتۇش، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت مەنزىرە رايونى. قارا تۇلپار پەن–تېخنىكا باغچىسى 3A دەرىجىلىك مەنزىرە نۇقتىسى. 

قىسقىچە مەزمۇنى

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلىشى 

قارا تۇلپار پەن–تېخنىكا باغچىسى قارا تۇلپار پەن–تېخنىكا باغچىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغ رايونى بولۇپ، تىپىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، قىش سوغۇق، ياز ئىسسىق، كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. سانجى ئوبلاستىغا كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃8، قىش پەسلىدە ياز پەسلىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ، ئەڭ ياخشى ساياھەت ۋاقتى بولسا ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرى. كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش، دەم ئېلىش، سۇ ئۈزۈش، بېلىق تۇتۇش، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت مەنزىرە رايونى. 

ئالاھىدىلىكى 

قارا تۇلپار پەن–تېخنىكا باغچىسى قارا تۇلپار پەن–تېخنىكا باغچىسىقارا تۇلپار پەن–تېخنىكا باغچىسى ئىچىدە دەل-دەرەخ ئورمانلىقىدا قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرغان بولۇپ، ئىچىدە ئالتە داچا بار، چىڭگىزخان ئائىلە كىگىز ئۆيلىرىدىن سەككىز، كۆپ ئىقتىدارلىق تاماشىخانا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن ۋە تولۇق بولۇپ، يىغىن، دوستلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئىشلەتسە بولىدۇ. باغچا ئىچىدە تاماق ئۈستىلىدە ئىستېمال قىلىشقا بولدىغان ئالاھىدە قۇش، ئۆي توخوسى، چۈجە خوراز، ھەر خىل كۆكتات، زەمبۇرۇغلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەن-تېخنىكا باغچىسى ئۆزى ئىشلەپچىقىرغان باقمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېشىل يېمەكلىك.

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى