خېڭتەي چىلۇ تاغلىق كەنتى
خېڭتەي چىلۇ تاغلىق كەنتى فۇكاڭ شەھىرى بوغدا كۆلى ۋادىسىغا جايلاشقان، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 نەچچە كىلومېتىر، قاتنىشى قولاي. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 100 مو، 1000 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، چىلۇ مەدەنىيەت ئاساسى، ساياھەت، تاماق ۋە ئىچىملىك، تاماشا بىر گەۋدە قىلغان چوڭ تىپتىكى ساياھەتچىلىك كارخانىلىرى.
خېڭتەي چىلۇ تاغلىق كەنتى2004-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن، 2006-يىلى يەنە سانجى ئوبلاستىدىكى تۆت يۇلتۇزلۇق «دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى» بولۇپ باھالانغان.
خېڭتەي چىلۇ تاغلىق كەنتى بىر تەرىپى دەرياغا يانداش، مەنزىرىسى گۈزەل، بوغدا كۆلى مۇقەددەس سۈيى سۈزۈك، ئىككى قىرغاقتىكى يەرلىرى مۇنبەت، ئىككى قىرغاقتا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرغان كەنت ئىچىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرى.
تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە گۇمانىتارلىق مەنزىرىسى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ شەندۇڭ چىلۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە چوڭ خاتىرە راۋىقى، كۇڭزى بۇتخانىسى، كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇسى، ھويلا-ئارام بۇيۇملىرى، شەندۇڭ داڭلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپە ئادەتلىرى ئۆز-ئارا سىڭىشىپ كەتكەن، ھەر بىر ساياھەتچىلەر ساياھەت بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.