سېغىنىش كۆلى
سېغىنىش كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراشەھەر ئويمانلىقىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 6180 مو، كۆلنىڭ يەر مەيدانى 4180 مو، تەبىئىي شەكىللەنگەن كىچىك كۆل.
سېغىنىش كۆلىسېغىنىش كۆلى شىنجاڭ قاراشەھەر ئويمانلىقى دەنزىل يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى كونا سانائەت 3-تۈەنى (ئەسلىدىكى بىڭتۇەن سانائەت 1 شىسى 3-تۇەنى) تۇەن شىتابىغا ئۇدۇلىغا جايلاشقان، قاراشەھەر ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقى 32 كىلومېتىر، كۈچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى(كونا 314-دۆلەت يولى)ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، يول يۈزى كەڭ، تۈز، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق.
سېغىنىش كۆلى تەبىئىي شەكىللەنگەن كىچىك كۆل، ئومۇمىي كۆلىمى 6180 مو، كۆلنىڭ يەر مەيدانى 4180 مو، سۇ، قومۇشلۇق كۆلىمى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %70نى ئىگىلەيدۇ، ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە ھەممە يەر يېشىل، ھاياتى كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان. كۆل ئىچىدە بېلىقلار ئەركىن-ئازادە ئۈزۈپ يۇرىدۇ، ياۋا ئۆردەك كۆل بويىغا توپلىشىۋالغان، كۈز پەسلىدە سۇ ئىچىدىكى قومۇش، قىرغاقتىكى توغراق، مەجنۇنتال بىر پارچە ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، كۆك ئاسمان،سۈزۈك سۇ؛ مەنزىرىسى يېقىملىق، شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي.
سېغىنىش كۆلىسېغىنىش كۆلى رېستوراندا ھەر خىل ئـوۋ گۆشلىرى— ياۋا ئۆردەك، ياۋا توشقان، ياۋا يېكەن توخوسى ۋە ھەر خىل يېڭى بېلىق قورۇمىسى چىقىرىلىدۇ. كۆلدە سەيلە كېمىسى، سۇ موتسىكلىتى / كاتېر، سوۋېت ئىتتىپاقى سالى، ھايۋانات كېمىسى تەييارلانغان بولۇپ، سېغىنىش كۆلى مەنزىرىسىدىن بەھىر ئېلىشقا قولايلىق يارىتىلغان. مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەت ساھىلدا كۈنلۈك، قۇملۇق ئورۇندۇقى، چېدىر تەييارلانغان. بېلىق تۇتۇش سۇپىسىدا ھەر خىل بېلىق بار، بېلىق تۇتۇش ھەۋەسكارلار بېلىق تۇتۇش ئارزۇسىنى قاندۇرالايدۇ. كىچىك تىپتىكى ياۋايى ھايۋانات باغچىسى بار، ياۋا غاز، ئاققۇ، ھەر خىل ياۋا ئۆردەك بار. مەنزىرە رايونىدا بىليارت، تەسىس قىلىنغان، باغدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، خۇش پۇرايدۇ، دەم ئېلىش ئۆيىدە، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا بىزەلگەن بولۇپ كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدۇ.