خوسبۇلاق مەنزىرە رايونى
خوسبۇلاق قازاق تىلىدا قوشماق ئۆردەك بۇلاق دېگەن مەنىدە. خوسبۇلاق مەنزىرە رايونى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي يانباغرىغا جايلاشقان، سانجى شەھىرى ئاشما يېزىسى ئىككىنچى سۇ كەنتى تەۋەسىدە بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 58 كىلومېتىر.
خوسبۇلاق قازاق تىلىدا قوشماق ئۆردەك بۇلاق دېگەن مەنىدە. خوسبۇلاق مەنزىرە رايونى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي يانباغرىغا جايلاشقان، سانجى شەھىرى ئاشما يېزىسى ئىككىنچى سۇ كەنتى تەۋەسىدە بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 58 كىلومېتىر. مەنزىرە رايونىدا قارلىق تاغ، مۇز داۋانلار، تاغ ئوتلىقى، قويۇق ئورمان، غەلىتە ئۆسۈملۈكلەر ۋە ياۋايى ھايۋانلار تۈرلىرى كۆپ بولغان ئېكىلوگىيە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مەنزىرە رايونى. مەنزىرە رايونى ئۈچ ئوخشاش بولمىغان يۇقىرى-تۆۋەنلېكىنى تەبىئىي تاغلىق چىملىق سۇپىسى بولۇپ، خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكللەندۈرىدۇ. خوسبۇلاقنىڭ سۈيى سۈزۈك، ساپ، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان، تاتلىق ھەم ئېچىشلىك؛ تاغ شەكلى خىلمۇخىل.
مەنزىرە رايونىنىڭ يەر شەكلى ئىگىز-پەس، غەلىتە ئاسما تاشلار تۆگە لوكىسىدەك، خوشاۋشەن تېغى، تاشپاقا ئەۋلىيا قىياسى، ئىپتىدائىي ئورمانلىق قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىسى، ئىپتىدائىي تەبىئىي ئېكولوگىيەسى بىلەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە قىلىدۇ.