جۇغراپىيە

سانجى خۇا مەنزىرە رايونى

سانجى خۇا مەنزىرە رايونى

 

سانجى خۇا مەنزىرە رايونى ساياھەت بازىسى بىلەن سانجى شەھەر رايونىنىڭ ئارلىقى 25 كىلومىتىر كىلىدۇ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى سەيلى-ساياھەت باغچىلىرىدىن يۇلغۇن باغچىسى، توغراق باغچىسى، سۆكسۆك باغچىسى، ئوۋچىلىق مەيدانى، قۇملۇق باغچىسى قاتارلىق 6 چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى بار. 

 

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلىشى 

سانجى خۇا مەنزىرە رايونى سانجى خۇا مەنزىرە رايونىسانجى خۇا مەنزىرە رايونى ساياھەت چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ «خۇاشىڭ» مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ بالا شىركەتلىرىنىڭ بىرى. شىركەت ئېكولوگىيە بايلىقىنى قوغداش، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداش، چۆل ئورمىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى مەنزىرە مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئويغىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساياھەت بايلىقىنى يارىتىش، چۆل ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى بىلەن ساياھەت تۈرىنى ئېچىش ۋە چۆل ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە، قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، مەبلەغ سېلىپ قۇرغان جۇڭگو مەنزىرە رايونى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە بازىسى. 

مەنزىرە رايونى 

سانجى خۇا مەنزىرە رايونىساياھەت بازىسى بىلەن سانجى شەھەر رايونىنىڭ ئارلىقى 25 كىلومىتىر كىلىدۇ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى سەيلى-ساياھەت باغچىلىرىدىن يۇلغۇن باغچىسى، توغراق باغچىسى، سۆكسۆك باغچىسى، ئوۋچىلىق مەيدانى، قۇملۇق باغچىسى قاتارلىق 6 چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى بار. 

مەنزىرە رايونى كۆلىمى شىمال جەنۇبىي 58 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە 15 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 569.7 كۋادىرات مېتىر. مەنزىرىلىك رايونلىرىنى پىلانلانغان ساياھەت بازىسى ئىچىدە گۈل-گىياھلارنى تاماشا قىلىش رايونى، كۆچەت يىغىش رايونى، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش رايونى، سۈنئىي كۆل رايونى، بېلىق تۇتۇش باغچىسى، ئوۋچىلىق مەيدانى، قۇملۇق ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، تەربىيەلەش مەركىزى، كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى، CS ئەمەلىي جەڭ قىلىش بازىسى، مېھمانخانا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى بىر گەۋدىلەشكەن گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايەن قەلغان. 

ھەيۋىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل سەرۋى، دالا پائالىيى، پىيادە مېڭىش، مىجەز-خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈش، تەبىئىي تەسىراتقا ئىگە، سودا تەربىيىلەش، پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، يىغىن كۈتۈۋېلىش، ئىستىراھەت-ئارام قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان چوڭ تىپتىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلېكىنى ئېكىسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلدىغان ئەڭ ياخشى سورۇن. 2007-يىلى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ساياھەت ئۈلگە نۇقتىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى