جۇغراپىيە

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى

 

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى كورلا شەھىرى قۇرچۇ يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، قۇرچۇ يېزىسىغا 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ يەر شارائىتى خەتەرلىك، چوڭقۇر ھاڭلار بار، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى800-700 مېتىر.

تونۇشتۇرۇش

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى قۇرچۇ چوڭ جىلغىسىتەڭرىتاغ ئېتىكىدە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان بىر جىلغا بار، ئۇ كورلا شەھىرى قۇرچۇ يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، قۇرچۇ يېزىسىغا 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ يەر شارائىتى خەتەرلىك، چوڭقۇر ھاڭلار بار، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى800-700 مېتىر، سۇنىڭ چۈشۈش پەرقى ئوخشىمايدۇ، نەچچە يۈز مېتىر ئىگىزلىكتىكى چوڭ شارقىراتما شەكىللەنگەن، بىر ئەگرى-بۈگرى چىغىر يول تىك قىياغا تۇتىشىدۇ. تاغنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ جىلغىغا نەزەر سالغاندا، پۈتۈن جىلغىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۆزگە تاشلىنىدۇ. تىك يار ئۈستىدىن چۈشىۋاتقان سۇ تامچىلىرى خۇددى دانە-دانە مەرۋايىتقا ئوخشاش، ھەممە يەرگە چېچىلىپ تۇرىدۇ.

جىلغىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە چۈشكەندە قۇلاق تۈۋىدە گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخ، پورەكلەپ ئېچىلغان تاغ گۈللىرى، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر قوشۇلۇپ بىر ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. باش كۆتۈرۈپ قارىغاندا، تاغلار تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم، مانا بۇ مەشھۇر قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى.

بۆلىنىشى

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسىقۇرچۇ چوڭ جىلغىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى بۆلەك سۇ مەنبەسى شىساۋخۇ كۆلىدىن كەلگەن، قارا تۆشۈكتىن ئۆتىدۇ، ئاندىن روزاتام دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ يۇقىرى ئېقىننى شەكىللەندۈرىدۇ، ئادەتتە «روزاتام چوڭقۇر جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئىككىنچى بۆلىكى سۇ بىرىنچى خەندەك، ئىككىنچى  خەندەك، ئۈچىنچى خەندەك، تۆتىنچى خەندەك ۋە يازنىك ئېقىنى بىلەن قوشۇلۇپ، ئېقىننى شەكىللەندۈرىدۇ، ئادەتتە «يازنىك چوڭقۇر جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ ئۈچىنچى بۆلەك تۆۋەن ئېقىن بولۇپ،«شەرقىي چورۇق چوڭقۇر جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

مەنزىرىسى

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسىجىلغا سۈيى ئادەتتە ناھايىتى مۇلايىم، ناھايىتى سۈزۈك بولۇپ، شارقىراتمىنىڭ ئاستىدىكى  كۆلچەكنىڭ سۇيى ياپيېشىل، ئاستىنى كۆرگىكلى بولمايدۇ. كەلكۈن كەلگەن چاغدا، ئۇ ئادەتتىكى مۇلايىملىقىنى ئۆزگەرتىپ، خۇددى بىر غالجىرلاشقان ئەجدىھادەك شىددەت بىلەن تۆۋەنگە چۈشىدۇ، توختىماي ئۆركەشلەپ ئېقىپ، سۇ تامچىلىرىنى چاچرىتىدۇ، تۇمانلار ئەگىپ يۈرۈيدۇ، ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن سۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى تاغ جىلغىسىدا ئەكس سادا پەيدا قىلىدۇ.

تەبىئىي بايلىقلىرى  

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى قۇرچۇ چوڭ جىلغىسىھەر يىلى ياز پەسلىدە7-6-ئايلاردا بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى يېقىملىق — چوڭ جىلغىنى ساياھەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى. يىراققا نەزەر سالغاندا، تاغدا ئوت-چۆپلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن، ئاپپاق بۇلۇتلار، ئېرىق سۈيى شىلدىرلاپ ئاققان، كۆركەم تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان. تاغدا مۇنارسىمان قارىغاي، قارا تېرەك، قارىياغاچ، سۆگەت دەرىخى ئۆسىدۇ. ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت تەسىرىدە بۇ يەردە نۇرغۇن دۆلەتلىك  ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار ياشايدۇ، مەسىلەن، ئارقار، ئۇلار، سۇغۇر، تۈلكە، بۆرە، يىلان، ئىت ئېيىق، يىلپىز ۋە نۇرغۇن قۇشلار. 

بۇ يەردە يەنە ھەقىقىي بۇلغانمىغان ئۆزگىچە ياۋا كۆكتات، مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل يېمەكلىكلەر: ياۋا پىياز، يازلىق سۇڭپىياز، سامساق، كۈدە، پالەك، كەرەپشە، موگۇ قاتارلىقلار بار. 

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى