جۇغراپىيە

قاراكۆل كۆلى

قاراكۆل كۆلى

 

قاراكۆل كۆلى مۇز تاغ ئاتىسى − مۇز تاغ چوققىسىنىڭ تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان، قەشقەر بىلەن بولغان ئارلىقى 191 كىلومېتىر.

 

تونۇشتۇرۇلۇشى

قاراكۆل كۆلىقاراكۆل كۆلى، مۇز تاغ ئاتىسى − مۇز تاغ چوققىسىنىڭ تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان، قەشقەر بىلەن بولغان ئارلىقى 191 كىلومېتىر، جۇڭگو ـ پاكىستان تاشيولى كۆل بويىدىن ئۆتىدۇ، بۇ يەردىن مۇزتاغ چوققىسىغا يامىشىش لاگىرى يىراق ئەمەس (پىيادە ياكى تۆگە مىنىپ ماڭغاندا، 5 سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ). «قاراكۆل»، «قارا دېڭىز» دېگەن مەنىدە، بىر ئىگىز تاغ مۇزلىرىنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن مۇز كۆل. كۆل ئۈستىگە ھەيۋەتلىك ھەم سىرلىق بولغان مۇزتاغ چوققىسى كۆلەڭگىسىنى تاشلاپ تۇرىدۇ، ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، تاغ بىلەن رەڭگى ئوخشاش، كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ.

مەنزىرىسى

كۆل بويىدىكى سۇ بېشى يايلىقىدا ئوت-چۆپ مول، توپ-توپ كالا، قوي لار بار. تاجىك لارنىڭ كىگىز ئۆي ۋە ياغاچ ئۆيلىرى بار، يەنە مەخسۇس تاغقا چىقىش لاگېرى بار، كۆلنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى 30 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە بۇلۇڭكۆل قاتناش بېكىتى بار، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى ياتاق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. 

قاراكۆل كۆلى پامىر ئىگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مۇز تاغ باغرىدا، كۆل ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، كۆل بويىنىڭ سۇ ۋە ئوتلىرى مول، دائىم قىرغىز چارۋىچىلار بۇ يەردە تۇرىدۇ. ھاۋا شۇنداق ئوچۇق، سۈزۈك كۈمۈش چوققىسى شولىسى كۆلدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، تاغ ۋە كۆللەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى بىر گەۋدە، مەنزىرىسى سۈرەتتەك، ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ، كۆل ئەتىراپىدا ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش پونكىتى تەييارلانغان، كىگىز ئۆي، سەيلە قولۋىقى، تۆگە، ئات قاتارلىق ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى ياخشى مۇھىت شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. 

قاتناش ئۇچۇرى 

قاراكۆل كۆلىقەشقەر دىن يولغا چىقىپ قاراكۆل كۆلگە بېرىش ئۈچۈن 6 سائەت پىيادە مېڭىپ كاڭشىۋاغا كېلىپ، يەنە 5 سائەت پىيادا مېڭىپ يەنە بىر كەنىتكە بارغىلى بولىدۇ، بۇ چاغدا مۇزتاغ چوققىسىنىڭ يان تەرىپىدىكى سۇ باش كەنتىگە 6 سائەت پىيادە مېڭىپ يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئۈچ سائەت پىيادە مېڭىپ جامبۇلاققا  يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، يەنە 3 سائەت ماڭغاندا 204 كە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قاراكۆل كۆلىگە قايتىپ كەلسە بولىدۇ. بۇ لېنىيە 7-، 8-ئايلارغا ماس كېلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى