مور بۇددا مۇنارى
مور بۇددا مۇنارى، قەشقەر شەھىرى نىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قەدىمكى بۇددا دىنى خارابىسى.
مور بۇددا مۇنارى، قەشقەر شەھىرى نىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قەدىمكى بۇددا دىنى خارابىسى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھازىرغىچە 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. تۇخۇم شەكىللىك توپا مۇنار ۋە ئۈستى ئىگىز سۇپا شەكىللىك قۇرۇلمىدا. تۇخۇمسىمان توپا مۇنار، ئىچى كاۋاك، مۇنارنىڭ ئىگىزلىكى 12 مېتىردىن ئارتۇق، ئاستىدىكى ئۈچ قەۋەت چاسا، چوڭ كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان، توپا مۇنار يېنىدا غايەت زور ئىگىز تەكچىلەر بار، بۇ يەر مەركىزىي ئىمارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا مەخسۇس ھەيكەللەر ئۈچۈن سېلىنغان، تام تەكچىسى ئىچىدىكى بۇتلار ئۇزۇن يىللار بولغاچقا سويۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ھېچقانداق ئىزى قالمىغان، لېكىن بۇت تەكچىسىدە غۇۋا پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ئىزلار قالغان.
بۇ مۇنارنى يەرلىك ئاھالىلەر قەدىمكى تۇرخۇن دېگەن. بۇددا مۇنارىنىڭ ئارقا تەرىپىدە گۇما چۆلتاغى، ئالدىدا بايىز دەرياسى، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر قۇم بارخىنى ئۈستىگە جايلاشقان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھازىرغىچە 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
مور بۇددا مۇنارىنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، مۇنار ئىگىزلىكى تەخمىنەن 13 مېتىر، قەدىمكى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ بىرى. مۇنار گەۋدىسى يۇمىلاق تۇخۇم شەكىلدە، يەنى دۈم كۆمتۈرۈلگەن پەشتاقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، گارمونىيىلىك سېرىق توپىلىق مۇنار گەۋدىسى بۇغداي پاخىلىنى ئىشلىتىپ كېسەكتىن قوپۇرۇلغان چاسا ۋە تىراپېتسىيە شەكىللىك، ئۈچ قەۋەت چاسا تەگلىكى بار، چاسا تەگلىكىگە بىر سىلىندىر شەكىللىك «پوتا»، «پوتا» ئۈستىدە تىك يۇمىلاق تۇخۇم شەكىللىك چوڭ ئۇچى بار مۇنار گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرىسى بوش بولۇپ، چوققىسىدا تۆشۈكى بار. چوڭ بىر غايەت زور ئىگىز مۇنار، كۆمتۈرۈلگەن چوڭ كۈرە، تۈۋى چوڭ ئۈستى كىچىك، ئاستى يۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 23.6 مېتىر، تەكشى ئۆگزىلىك , ئۈستى ئۇزۇن 14.2 مېتىر كېلىدۇ ، كەڭلىكى 12.5 مېتىر، ئىگىزلىكى 7 مېتىر كېلىدۇ.
بۇددا ئىبادەتخانىسى مەركىزىي ئىمارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا مەخسۇس ھەيكەللەر بار. گەرچە ھازىر مۇنارنىڭ تام تەكچىسى ئىچىدە بۇتلار ۋەيران بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەيكەللەر ئويۇلغان ئىزلارنى ھېلىھەم پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. شەرقى جەنۇبى قىسىمىدا بىر گۇرۇپپا راھىبلار ئۆيى خارابىسى بار، مور بۇددا مۇنارى دۆڭنىڭ ئاستىدىكى قۇملۇقتا بىر قاتار قەدىمكى زامان كارىزلىرى بولغان، تەخمىنەن 1 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئەينى دەۋىردىكى راھىبلارنىڭ سۇ مەنبەسى بولغان. ئىسلام دىنى قەشقەر گە رەسمىي كىرگەندىن كېيىن، مور بۇددا مۇنارى، ئىبادەتخانىسى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە غايىب بولغان.