جۇغراپىيە

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى

 

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى كونا بالغۇنتاي جىلغىسى ئىچىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 1450 مېتىردىن ئىگىز بولۇپ، كۆلىمى چوڭ بولغان لاما ئىبادەتخانىسى.

تونۇشتۇرۇش

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسىبالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى كونا بالغۇنتاي جىلغىسى ئىچىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 1450 مېتىردىن ئىگىز بولۇپ، كۆلىمى چوڭ بولغان لاما ئىبادەتخانىسى. «كىچىك بۇدالا سارىيى» دېگەن نامى بار، 1887-يىلى مانجۇ خانىنىڭ دادىسى بايىنتاي مېڭكۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە سېلىنغان ئىمارەت. 

چيەنلۇڭ يىللىرىدا قۇرۇلۇشقا باشلىغان، گۇاڭشۈنىڭ 14-يىلى پۈتكەن، قۇرلۇش قىلغان ئۇستىلار ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭدىن تەكلىپ قىلىنغان، جەمئىي 500 سەر ئالتۇن سەرپ قىلىنغان. سېلىنغان يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۇرغۇت، خۇشۇت، لاما دىنى مۇرىتلىرى ھەج قىلىدىغان مۇقەددەس جايغا ئايلانغان، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ لاما دىنى ئىبادەتخانىسىنىڭ بىرسى. سېرىق بۇتخانا ئىمارەتلىرى 27 بۇتخانىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 2.5 كىلومېتىر. 

قۇرلۇش ئالاھىدىلىكى

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسىبالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى پۇختا، مەردانە؛ 14 بۇتخانىدىن تەركىب تاپقان ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك لاما ئىبادەتخانىسى قەدىمكى ئىمارەتلەر توپى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 24 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ھازىر سېرىق بۇتخانا قاتارلىق بىر نەچچە ئىمارەت مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان، 1987-يىلى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. سېرىق بۇتخانا ساراي ئىچىدە نۇرغۇن قىممەتلىك نوم ۋە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار بار، ساراي مەركىزىدە بىر دانە غايەت زور ئالتۇن تەنلىك مەدىر بۇتى بار. شەرق، غەرب ئارقا قەسىر ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا مەيتىرېيە بۇتى، شەپقەتكار بۇدساتۋا قاتارلىق نۇرغۇن مىس بۇت قويۇلغان. چوڭ ساراينىڭ تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدە سۇلياۋ دىففۇزىيىلەش ئۇسۇلى بار ، خۇددى تىرىكتەكلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇتخانا ئىچىدە 13 پارچە نەپىس سىزىلغان دىنىي تام رەسىملىرى بار. ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلىدىغان مۇخلىسلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، ھەر يىلى دىنىي بايرامدا بۇ يەر تېخىمۇ قىزىپ كېتىدۇ. 

مەنزىرىسى 

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسىبالغۇنتاي جىلغىسى دىنىي مۇقەددەس جاي بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر تەبىئىي ئورمان باغچىسى، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل جىلغا ئىچىدە، سۆگەتلەر ياپيېشىل، دەل-دەرەخلەر قويۇق ئۆسكەن، ھەيۋەتلىك چوققىلار بۇلۇتلۇق ئاسماندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تومۇز پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، قىشتا ئىللىق يازدا سالقىن. ئاددىي-ساددا، ئاق كۆڭۈل قوڭغۇراقچى تۇرغات موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ-ئادەت سىزنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. 

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى