جۇغراپىيە

تېرەكبازار يېزىسى

تېرەكبازار يېزىسى

 

تېرەكبازار يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۈگۈر ناھىيەسىگە، تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1364 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1030 مېتىر ئەتراپىدا. 

تونۇشتۇرۇش

تېرەكبازار يېزىسى تېرەكبازار يېزىسىتېرەكبازار يېزىسى بۈگۈر ناھىيەسىگە، تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، شەرقىنىڭ كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقى 137 كىلومېتىر، غەرب تەرىپىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر، شەرقتە چېدىر يېزىسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى يېڭىسار بازىرىغا تۇتىشىدۇ، شىمال تەرەپتە تەڭرىتېغى، خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تارىم دەرياسىغا تۇتىشىدۇ، لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، دۆلەت يولى 314-لىنىيەسى پۈتۈن يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق، جۇغراپىيىلىك كوئوردىناتى شەرقىي ئۇزۇنلۇق °89′36، شىمالىي كەڭلىك °41′59، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1364 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1030 مېتىر ئەتراپىدا.

مەمۇرىي ئايرىلىشى

تېرەكبازار يېزىسى تېرەكبازار يېزىسىپۈتۈن يېزىدا باشكۆيۈك كەنتى، باغتوغراق كەنتى، مانچۇلۇق كەنتى، كونا بازار كەنتى، توخولا كەنتى، سايمەھەللە كەنتى، قوشخامان كەنتى، تېرەكبازار يېزىلىق چارۋىچىلىق كەنتى  قاتارلىق سەككىز مەمۇرىي كەنت، 24 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر چارۋىچىلىق كەنتى، 14 پارتىيە ياچېيكىسى، سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى، 9688 نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %98 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇلار پۈتۈن يېزا ئاھالىسىنىڭ %1 نى ئىگىلەيدۇ، بىر تىپىك مىللىي يېزا.

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

تېرەكبازار يېزىسى تېرەكبازار يېزىسىبۇ يېزا تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىغا، تارىم دەرياسىنىڭ شىمالى چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، تىپىك ئېقىندى تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت، يەر شەكلى شىمالى ئىگىز، جەنۇبى پەس، يەر كۈلرەڭ چۆل تۇپراق، تۇپراقتا ئوكسىگېن، فوسفور كەم، كالىي بىر قەدەر يېتەرلىك بولۇپ، يەر تۈز. 

يېزا-ئىگىلىكى

تېرەكبازار يېزىسىتېرەكبازار يېزىسىپۈتۈن يېزا بويىچە تېرىلغۇ يەر 26 مىڭ 500 مو، ئورمان كۆلىمى 7100 مو، مېۋىلىك باغ 20مىڭ مو، ئوتلاق 30 مىڭ مو، كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناقنى ئاساس قىلىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆرۈك، ئۈزۈم، نەشپۈت قاتارلىق مېۋە-چىۋىنى ئاساس قىلىنىدۇ، چارۋىچىلىقتا ئاساسلىقى كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. 

سۇ بايلىقى

تېرەكبازار يېزىسى تېرەكبازار يېزىسىپۈتۈن يېزىدا بىر قەدەر مول يەر ئاستى سۈيى ۋە يەر ئۈستى سۈيى بار. سۇ مەنبەسى ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان. يېڭىسار بازىرى دەرياسىنىڭ يىللىق ئېقىم مىقدارى 0.79 مىليون كۇب مېتىر، ئۇنىڭدىن قالسا قۇنۇر دەرياسى، يىللىق ئېقىم مىقدارى 22 مىڭ كۇب مېتىر، ئۇنىڭدىن باشقا مول يەر ئاستى سۇ بايلىق بار، 0.249 مىليون كۇب مېتىر. يېزا بويىچە 36500 مو سۇغىرىش كۆلىمى بار. سۇغىرىش ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18 كىلومېتىر، سۇ سىڭمەس ئېرىق-ئۆستەڭ 76 كىلومېتىر كېلىدۇ. يۈرۈشلەشكەن كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ قاتارلىق قۇرۇلۇشلار 85. 

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى