جۇغراپىيە

ئەشمە يېزىسى

ئەشمە يېزىسى

 

ئەشمە يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 78 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، دائىرىسى جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 8 كىلومېتىر، شەرقىي كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقى 98 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەرب تەرىپى قوشنا يېزا چېدىر يېزىسى دىن 17 كىلومېتىر يىراقلىقتا، 314-دۆلەت يولى پۈتۈن يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 

 

تونۇشتۇرۇش

ئەشمە يېزىسى ئەشمە يېزىسىئەشمە يېزىسى تەۋەسىدە ئەشمە كەنتى، تاللىق كەنتى، ئاقتام كەنتى قاتارلىق ئۈچ كەنت ئاھالە كومىتېتى، سەككىز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 902 ئائىلە، 3267 نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %99.8 نى ئىگىلەيدۇ. يېزىدا ئورگان كادىرلىرى 17 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار يەتتە نەپەر، ئادەتتىكى كادىر 10 نەپەر. يېزا بويىچە بەش پارتىيە ياچېيكىسى، 94 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، 203 نەپەر ئىتتىپاق ئەزاسى بار. بىر مەكتەپ بولۇپ، جەمئىي ئوقۇتقۇچى 60 نەپەر، 531 نەپەر ئوقۇغۇچى بار. يېزىلىق پونكىت ـ ئورۇنلارنى جەمئىي 12 گە يەتكەن. 

جۇغراپىيىلىك كىلىماتى

ئەشمە يېزىسى ئەشمە يېزىسىيېزا بويىچە ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 13 مىڭ مو، ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن بوز يەر 35مىڭ مو، پۈتۈن يېزا تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى 20 مىڭ مو. يېزا كىلىماتى تىپىك قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا كىرىدۇ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 44-45 مىللىمېتىر، 8-ئايلارغا كۆپ مەركەزلەشكەن؛ ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول، ئاشلىق زىرائەتلىرى، كېۋەز، مېۋىلىك دەرەخ، دەل-دەرەخ قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. 

قېزىلما بايلىقلار

يېزا تەۋەسىدە ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلار گەج، قوغۇشۇن-سىنك كانى، پىرىت قاتارلىقلار، بۇ 3 كان بايلىقى زاپىسى ئىنتايىن مول. 

قەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەر

ئەشمە يېزىسىشىنجاڭ كورلا بۈگۈر ناھىيەسى ئەشمە يېزىسى ۋە چېدىر يېزىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئۇرلى شەھىرى تۇرۇشلۇق جاي بولغان، ئەينى چاغدىكى غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار مەركىزى. ئۇرلى شەھىرى خارابىسى ئاللىقاچان يوقىلىپ كەتكەن. ئەشمە يېزىسىدا ئىككى ئورۇندا قەدىمىي شەھەر خارابىسى بار، بىرىنچىسى، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى چاسا شەكىللىك كىچىك شەھەر، ئېقىن سۇنىڭ يالىشى تەسىرىدىن، شەھەر سېپىلىنىڭ پەقەت 1 مېتىر ئىگىزلىكتىكى سوقما سېپىلى ساقلىنىپ قالغان، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر، شەھەر ئىچىدە كۆكۈچ كۈل رەڭ ساپال پارچىلىرى تارقالغان. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىگە 10كىلومېتىر كېلىدىغان تاشيولىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە يەنە بىر  قەدىمىي شەھەر خارابىسى جايلاشقان، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى «ئاق دۆڭ» دەپ ئاتايدۇ، سېپىل ئىزلىرى، ئېتىز قىرلىرى ۋە ئىگىزلىكى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كېلىدىغان توپا دۆۋىسى بار، بۇ توپا دۆۋىسى تونىل تۇرى بولۇشى مۇمكىن.

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى