جۇغراپىيە

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى

 

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى گە قاراشلىق بازار. جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدا، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

تونۇشتۇرۇش

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىجەنۇبىي بۈگۈر بازىرى جۇڭگو شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار. 1994-يىلى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى تەسىس قىلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 2 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 3000، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 11.5، خەنزۇلار % 88 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىغا قاراشلىق توغراق ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش پونكىتى، جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى، تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى قاتارلىق ئۈچ ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ئۈچ توغراق كەنت كومىتېتى بار. تارىم نېفىت چارلاش-ئېچىش بۈگۈر ئالدىنقى سېپى قوماندانلىق شتابى تۇرۇشلۇق جاي.

جۇغراپىيەلىك ئورنى

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىجەنۇبىي بۈگۈر بازىرى ناھىيە بازىرىدىن 78 كىلومېتىر يىراقلىقتا، شەرقىي سوخۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا چۇمپاق بازىرى، قاراباغ يېزىسى، جەنۇبىي تەرىپى تارىم دەرياسى ۋە لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي كۈچا ناھىيىسى بىلەن قوشنا، پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2063 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

رولى

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىجەنۇبىي بۈگۈر بازىرى 1996-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلغان، بازارلىق ھۆكۈمىتى 2000-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ جەنۇبىي بۈگۈر نېفىتلىكى ئولتۇراق رايونى بۈگۈرنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم نېفىت مەنبەسىنى چارلاش-ئېچىش خىزمىتىدىكى ماددىي ئەشيا يىغىش-تارقىتىش ئورنى ۋە مۇھىم قاتناش يولى بولۇپ قالغان. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىدىن باشلىنىدۇ. 

ئالاھىدە مەھسۇلاتى

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىجەنۇبىي بۈگۈر بازىرىدىكى 2500 مو قوغۇن ئېكىسپورت بازىسى ھازىر كورلا چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىشىدىن ئۆتكەن، بۇ بايىنغۇلىن ئوبلاستى بويىچە تۇنجى رويخەتكە ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن قوغۇن ئېكسپورت بازىسى. ئۇزۇن يىللىق قوغۇن تېرىش تارىخىغا ئىگە، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق رايونى ئاساسلىقى بۈگۈرنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسىغا جايلاشقان. يېقىندىن بېرى، جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى تەدرىجىي ئازايتىش، يېتەكلەش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ  قوغۇن تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشقان. 

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى