جۇغراپىيە

كاڭجيا تاش ئىشىك ئويما رەسىملىرى

كاڭجيا تاش ئىشىك ئويما رەسىملىرى

 

كاڭجيا تاش ئىشىك ئويما رەسىملىرى بىر پارچە دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك قىياتاش رەسىملىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى دىكى تەڭرىتاغ نىڭ ئىچكى رايونىغا جايلاشقان. 

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

كاڭجيا تاش ئىشىك ئويما رەسىملىرىكاڭجيا تاش ئىشىك ئويما رەسىملىرى بىر پارچە دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك قىياتاش رەسىملىرى. ئىككى تاغ ئېقىنى قۇيۇلىدىغان جايدىكى غەربىي قىرغىقىدىكى يېڭى ئۈچىنچى دەۋر بولغان قىيا تاشلار. قىيا تاش رەسىملىرىدا سۇس قاپارتما نەقىش چىقىرىش ئۇسۇلى، بارلىق ئادەملەر تەكشى يۈزلۈك ۋە ئورۇق يۈز، قاش يايى، چوڭ كۆز، قاڭشارلىق، كىچىك ئېغىز، كۆركەم ھەم گۈزەل. 

ئىككى ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق تاش ئۈستىگە سىزىلغان رەسىملەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ھەر خىل ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ. چوڭلىرىنىڭ ئىگىزلىكى 2.04 مېتىر، كىچىكلىرى 19 سانتمېتر. 

تارىخى قىممىتى 

كاڭجيا تاش ئىشىك ئويما رەسىملىرىبۇ يەردىكى قىيا تاش رەسىملىرى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ يىل قىلىپ بۇرۇنقى تاش رەسىملەر دەپ بېكىتىلگەن. بۇ رەسىملەر ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت باسقۇچىدا تاش بىلەن ئويۇپ ياسالغان. شىنجاڭدىكى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى