جۇغراپىيە

ماچياۋزى شەھىرى

ماچياۋزى شەھىرى

 

ماچياۋزى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 106-تۇەن مەيدانى تەۋەسىدە بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى تۇڭجىنىڭ 4-يىلى (1865-يىلى) قۇرۇلغان.

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلىشى 

ماچياۋزى شەھىرىماچياۋزى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى ناھىيە  بازىرىنىڭ شىمالىغا 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 106-تۇەن مەيدانى تەۋەسىدە بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى تۇڭجىنىڭ 4-يىلى (1865-يىلى) قۇرۇلغان، بۇ شەھەرنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 350 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 170 مېتىر، سېپىلنىڭ ئىگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ، قېلىنلىقى 2.7 مېتىر. 

بۇ شەھەر غەربىي شىمال تەرەپكە يەنە بىر شەھەر بار بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 195 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 170 مېتىر، تامنىڭ ئىگىزلىكى تۆت مېتىر، قېلىنلىقى 2 مېتىر، تۆت ئەتراپىدا سېپىل خەندىكى بار. ھازىرغىچە شەھەر سېپىلى مۇكەممەل، ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان، قەدىمكى پۇل، ساپال، قاشتېشى يادىكارلىقلىرى يەر يۈزىدە ئېچىلىپ قالغان. 

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى