ياڭۋاتەن مەنزىرە رايونى
ياڭۋاتەن مەنزىرە رايونى گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىدىن 60 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بوز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1700 مېتىر بولغان، تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدىغان يېشىلققا جايلاشقان.
ياڭۋاتەن مەنزىرە رايونى گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىدىن 60 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بوز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1700 مېتىر بولغان، تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدىغان يېشىلققا جايلاشقان. كۆپكۆك ئاسماندا بۇلۇت ۋە تۇمانلار ئەگىپ يۈرۈيدۇ. دەريا ۋادىسىدا ئىگىز تېرەك ئورمانلىرى، قارغايلار ئۆسىدۇ. رەڭگارەڭ تاشلار بىلەن قاپلانغان دەريالارنى، ئىككى قىرغىقى ياپيېشىل پايانداز كەبى چىملىقنى، ھەر خىل گۈللەر ئېچىلىغان گۈللەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ياڭۋاتەن مەنزىرە رايونىدا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە: باھاردا تۇمان خۇددىي دېڭىزغا ئوخشايدۇ؛ ياز كۈنلىرى تەبئىي مەنزىرە پۇرىقى كۈچلۈك، مول. كۈزدە سارغايغان يۇپۇرماقلار، يەرگە يۇپۇرماقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىچە مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈپ ئىللىق زوق ئاتا قىلىدۇ؛ قىشتا تۇتىشىپ كەتكەن ئاپئاق قارلىق تاغلار نامايەن بولىدۇ.
مەنزىرە رايونىدا باراقسان ۋە ياپيېشىل ئۆسكەن قارغايلار، دەريا قىرغاق بويلىرىدىكى سۆگەتلەرنىڭ شامالدا پۇلاڭلىغان ھالىتى، چارۋىچىلار كىگىز ئۆيى، ئەتكەن چايلارنىڭ خۇش پۇراق ھىدى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەنزىرە رايوننىڭ ئۆزگىچىلىكە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.