جۇغراپىيە

چۇمپاق بازىرى

چۇمپاق بازىرى

 

چۇمپاق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 

تونۇشتۇرۇش

چۇمپاق بازىرى چۇمپاق بازىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، ھازىر بار بولغان دېھقان-چارۋىچىلار 2395 ئائىلە، نوپۇسى 10100 ئادەم، پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 95 مىڭ مو. خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، ئۆزبېك قاتارلىق تۆت مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئامما ئومۇمىي ئاھالىنىڭ % 97 ىنى ئىگىلەيدۇ ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 

مەمۇرىي ئايرىلىشى

چۇمپاق بازىرى چۇمپاق بازىرىپۈتۈن بازار قارمىقىدا 7مەمۇرىي كەنت، 27 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 10 پارتىيە ياچېيكىسى، 7 كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، يەتتە ئىتتىپاق باش ياچېيكىسى، 27 ئىتتىپاق ياچېيكىسى بار، پارتىيە ئەزالىرى 337 نەپەر. 2000-يىلى 7-ئايدا، ئاپتونۇم رايوننىڭ تەستىقى بىلەن يېزا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بازار تەسىس قىلىنغان.

يېزا ئىگىلىكى

چۇمپاق بازىرى چۇمپاق بازىرىتېرىلغۇ يەر كۆلىمى 34 مىڭ مو. يېزا ئىگىلېكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك چوڭ بازارى، ئاساسلىقى ئاشلىق، كېۋەز، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق قاتارلىقلار؛ مۇھىم ئىقتسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، مايلىق دان، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. 2001-يىلى يېڭى بىنا قىلىنغان باغ 10 مىڭ 800 مو، 2001-يىلى بۇ بازار 8106942 كىلوگرام ئاشلىق، 1 مىليون 860 مىڭ كىلوگرام پاختا ھوسۇل ئالغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2686 يۈەن بولغان.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى