جۇغراپىيە

چۇرگۇل بازىرى

چۇرگۇل بازىرى

 

چۇرگۇل بازىرى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى تەۋەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 2018.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

تونۇشتۇرۇش  

چۇرگۇل بازىرى چۇرگۇل بازىرىچۇرگۇل بازىرى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى تەۋەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، شەرقتە تاشپەلەمپەي يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربتە ماناس ناھىيەسى نىڭ تاسىرقاي يېزىسى دىكى قوشنا. جەنۇبى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى دافېڭ بازىرى، ۋۇگۇڭتەي بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. بازار ئومۇمىي يەر شەكلى تار ۋە ئۇزۇن شەكىلدە، رايون ئومۇمىي كۆلىمى 2018.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

مەمۇرىي ئايرىلىشى

چۇرگۇل بازىرى چۇرگۇل بازىرىچۇرگۇل بازىرىغا قاراشلىق چۆرگۈل كەنتى، قوشتېرەك كەنتى، قىزىلتاش كەنتى، شىگۇ كەنتى، قارا تۆپە كەنتى، نەنسەن چارۋىچىلىق فېرمىسى قاتارلىق 5 كەنت، بىر مەيدان، جەمئىي 17 رايون بار، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 23 مىڭ مو، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق مىڭ 600 مو.

نوپۇس ۋە مىللەت 

چۇرگۇل بازىرى چۇرگۇل بازىرى 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بازار ئومۇمىي ئائىلە سانى 2504 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 12516 ئادەم، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰ 4. قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق يەتتە مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار %93.2 نى تەشكىل قىلىدۇ. 

جۇغراپىيەلىك شارائىتى 

چۇرگۇل بازىرى چۇرگۇل بازىرىتاغلىق يەر تۈزۈلۈشى كۆپ، جەنۇبى ئىگىز، شىمالى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 700-4000 مېتىرغىچە كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1252 مېتىر. پۈتكۈل تاغ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى، يەر شەكلى، ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى بويىچە ئىگىز تاغ بەلۋېغى، ئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغى، پاكار تاغلىق بەلۋېغىغا بۆلىنىدۇ. 

ئىگىز تاغ بەلۋېغى

ئىگىز تاغ بەلۋېغى دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 2800-4000مېتىر، تاغ ئىگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر، سۇ ئېقىمى شىددەتلىك، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، شۇنداقلا ناھىيە بويىچە ئەلا سۈپەتلىك يايلاق. 

ئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغى

ئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1600-2800 مېتىر، تاغ چوققىلىرى تىك، تاغ جىلغىسىدىكى ئېقىنلار گىرەلىشىپ كەتكەن، قويۇق ئۆسكەن تەڭرىتاغ شەمشادى ۋە تاغلىق چىملىقى ئۆسىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

پاكار تاغلىق بەلۋېغى

پاكار تاغلىق بەلۋېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 700-1600 مېتىر، يەر شەكلى بىر قەدەر تۈز، شۇنداقلا پۈتۈن بازار چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي رايونى ھېسابلىنىدۇ. 

كىلىماتى

چېگرا ئىچىدىكى ھاۋا رايى شارائىتى دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكىگە ئاساسەن چوڭ پەرقلىنىدۇ، ۋېرتىكال ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك. 

ئىگىز تاغ بەلۋېغى

چۇرگۇل بازىرى چۇرگۇل بازىرى ئىگىز تاغ بەلۋېغىسوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە، يىل بويى قار قاپلاپ تۇرىدۇ، ھاۋا كىلىماتى سوغۇق؛ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 500مىللىمېتىردىن يۇقىرى، پارغا ئايلىنىش مىقدارى بىر قەدەر ئاجىز؛ كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى ئومۇمىي سائەت سانى 2680.7؛ مۇتلەق قىرو مەزگىلى يوق؛ شامال سۈرئىتى سىكۈنت / مېتىر 5 ~ 7. 

ئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغى

چۇرگۇل بازىرى چۇرگۇل بازىرىئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغى كىلىماتى مۆتىدىل ھەم نەم، ياز پەسلىدە سالقىن بۇلىدۇ، قىش پەسلىدە ئانچە سوغۇق ئەمەس، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 2.9 سېلسىيە گىرادۇس؛ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 110-400 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. بىر يىلدا قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2915.2 سائەت؛ يىللىق قىروسىز مەزگىل 120 كۈندىن ئاز. 

پاكار تاغلىق بەلۋېغى

چۇرگۇل بازىرى چۇرگۇل بازىرى پاكار تاغلىق بەلۋېغىرايونى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغقا تەۋە، تۆت پەسلى روشەن، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 2.9-6.8 سېلسىيە گرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا43.- سېلسىيە گىرادۇس؛ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 185مىللىمېتىر، ھورلىنىشى؛ يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 3104.1 سائەت؛ يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 129-176 كۈن، توڭ چوڭقۇرلۇقى 146 سانتىمېتىر؛ كۆپىنچە قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدۇ، تېزلىكى 20 مېتىر / سېكۈنت. 

تەۋەسىدە چۇئېرگۇ دەرياسى بولۇپ، بۇ دەريا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى گاز ئالاھىدە داۋان باشلىنىدۇ، چۇئېرگۇ دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ دەريادا  يىل بويى سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. تەۋەسىدىكى يەر ئاستى سۈيى مولراق.

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى