جۇغراپىيە

پامىر ئىگىزلىكى

پامىر ئىگىزلىكى

 

پامىر ئىگىزلىكى، جۇڭگو نىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى يىپەك يولىنىڭ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم جايى. ئاسىيا دىكى كۆپ تاغ تىزمىسىنىڭ يىغىلىش ئورنى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 4000 مېتىردىن ~ 7700 مېتىرغىچە.

تونۇشتۇرۇلۇشى

پامىر ئىگىزلىكىپامىر ئىگىزلىكى، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى يىپەك يولىنىڭ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم جايى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدە، تاجىكىستان نى، جۇڭگو ۋە ئافغانىستان نى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئاسىيادىكى كۆپ تاغ تىزمىسىنىڭ يىغىلىش ئورنى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 4000 مېتىردىن ~ 7700 مېتىرغىچە. ئاساسلىق ئاھالىسى تاجىك مىللىتى.

«پامىر» تاجىك تىلىدا «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4000 مېتىردىن 7700 مېتىرغىچە نۇرغۇن ئىگىز چوققىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. (بۇ ئىگىزلىك يەر شارىدىكى غايەت چوڭ 2 تاغ بەلبېغى ئالپ-ھىمالايا تاغ بەلبېغى ۋە پامىر چۇكىچ تاغ بەلبېغى)نىڭ تاغ تۈگۈنى، شۇنداقلا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاساسلىق تاغ تىزمىسى يىغىلىش ئورنى بولۇپ، ھىمالايا تاغ تىزمىسى، قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسى، تەڭرىتاغ تىزمىسى، ھىندىقۇش بەش چوڭ تاغ تىزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ تاغلار ئىگىز-پەس، تۇتاش كەتكەن ئەگرى قارلىق چوققىسى توپى، ھەيۋەتلىك كۆككە تاقاشقان، شۇڭلاشقا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىنىڭ ئۆگزىسى دەپ ئاتالغان.

پامىر ئىگىزلىكىگە جايلاشقان قاراقۇرۇم تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسى بولغان چوگىر چوققىسى جۇڭگو ۋە پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 8611 مېتىر، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئىگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ.

يەر شەكلى

پامىر ئىگىزلىكى ئەمەلىيەتتە تەكشى بولغان ئىگىزلىك ئەمەس، بەلكى بىر قانچە گۇرۇپپا تاغ تىزمىسى ۋە تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدىكى كەڭ جىلغىلار بىلەن ئويمانلىقلاردىن تەركىب تاپقان. يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پامىر ئىگىزلىكى سالىز كۆلىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىن جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ، شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن.

رايونلىرى

پامىر ئىگىزلىكىيەر شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، پامىر ئىگىزلىكىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: شەرقىي پامىرنىڭ يەر شەكلى بىر قەدەر تۈز، كەڭ، غەربىي شىمال-شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشتە ئىككى دانە قارلىق تاغ تىزمىلىرى ۋە بىر گۇرۇپپا دەريا كۆل ھاسىل بولغان، دېڭىز يۈزىدىن مۇتلەق ئىگىزلىكى 5000 مېتىردىن 6000 مېتىرغىچە. نىسپىي ئىگىزلىكى 1000 مېتىردىن 1500 مېتىرغىچە بولۇپ ئېشىپ كەتمەيدۇ. غەربىي پامىر بولسا بىر قانچە شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدىكى پاراللىل تاغ تىزمىسى ۋە سايلاردىن تۈزۈلگەن، يەر شەكلىنىڭ نىسپىي ئىگىزلىك پەرقى چوڭ، ئىگىز تاغ ۋە چوڭقۇر جىلغىلار كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن سەككىز قىسىمغا ئايرىشقا بولىدۇ، خەتچە «8 پامىر». چىڭ سۇلالىسىدە ئارا چۆل پامىردا خاتىرە ئابىدىسى تۇرغۇزۇلغان، ھەرقايسىدا بىردىن قاراۋۇلخانا تەسىس قىلىنغان بولۇپ جەمئىي سەككىز قاراۋۇلخانا بار.

پامىر جۇڭگودىكى تاجىك ۋە قىرغىز مىللىتى ئولتۇراقلاشقان، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايى، تاكى 19-ئەسىرگە قەدەر ئىزچىل جۇڭگوغا تەۋە بولغان. پامىر جەمئىي سەككىز «پامىر»دىن تەركىب تاپقان، شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان رەت تەرتىپى بويىچە: خوشكوجۇك پامىر، سالەيسى پامىر، رەڭكۆل پامىر، ئارا چۆل پامىر، چوڭ پامىر، كىچىك پامىر، تاقا دۆڭبېشى پامىر، ۋاخان پامىر قاتارلىقلار.

كىلىماتى

قاتتىق سوغۇق بولىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك ئىگىز تاغ كىلىماتىغا تەۋە، بولۇپمۇ شەرقىي پامىر قۇرۇقلۇقدا بۇ خىل كىلىمات ئالاھىدىلىكىتېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ بۇ يەردىكى قىش پەسلى ئۇزۇن (10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 4-ئايغىچە)، دېڭىز يۈزىدىن 3600 مېتىر ئەتراپىدا، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃17.8-، ئەڭ تۆۋەن مۇتلەق تېمپىراتۇرىسى ℃50-، بولىنگىر 1953-يىلى ℃53.3- قا يەتكەن، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃13.9، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ℃20 تىن ئاشمايدۇ، تەسكەي تەرىپىدە تېمپىراتۇرا كۈنگەي تەرىپىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن، ھەم بەزى قىسىمىدا مەڭگۈلۈك شورلاشقان توڭ تۇپراق بار.

سۇ سىستېمىسى

پامىر ئىگىزلىكىپامىر ئىگىزلىكى ھازىرقى زامان مۇزلۇق تەسىر قىلغان كۈچلۈك مەركەز، بۇ يەردە 1000دىن ئارتۇق تاغلىق مۇزلۇق بار، قاپلاش كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي پامىردىكى قار سىزىقىنىڭ ئىگىزلىكى 4400 ~ 4000 مېتىر كېلىدۇ، شەرقىي قىسىمدىكى قار سىزىقىنىڭ ئىگىزلىكى 5500 ~ 5000 مېتىرغا يېتىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسى تاغ تىزمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 77 كىلومېتىر، كۆلىمى 907 كۋادرات مېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تاغ مۇزلۇقىنىڭ بىرى. تاغلىق مۇزلۇقى يەنە بەزى چۆللۈكلەرنى دەريا سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قاراكۆل پامىرنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 3954 مېتىر ئىگىز بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىگىز كۆللەر ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تۇزلۇق كۆللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ساياھەت ئەسكەرتمىسى

پامىر ئىگىزلىكىگە چىقىش ئۈچۈن چوقۇم چېگرا مۇداپىئە گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بېرىشى شەرت، ئەگەر ساياھەت ئۆمىكىگە قاتنىشىپ ساياھەت كوپىراتىپىغا قاتناشقان بولسا بىر تۇتاش بېجىرىلىدۇ، شەخسلەرمۇ قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئىش بىجىرىلمەيدۇ. شەخس بىجىرىش ئۈچۈن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ كېلىپ بىجىرىدۇ ياكى شەخسىي تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدا بىجىرسە بولىدۇ. چەت ئەللىك ساياھەتچىىلەرنىڭ ئىناۋەتلىك ساياھەت گۇۋاھنامىسى بولۇشى شەرت، قونجىراپ تاغ ئېغىزىدىن پاكىستانغا كىرىپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ. 

ئىگىزلىك سوغۇق دىققەت قىلىش كېرەك، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى تېز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئىگىز، ئەڭ ياخشىسى ئوكسىگېن خالتىسى ئېلىۋېلىش كېرەك. ساياھەتكە مۇۋاپىق پەسل ھەر يىلىدىكى 5 ~ 9 ئايلار مەزگىلى.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى