جۇغراپىيە

ۋۇگۇڭتەي بازىرى

ۋۇگۇڭتەي بازىرى

 

ۋۇگۇڭتەي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى گە، تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.

تونۇشتۇرۇش 

ۋۇگۇڭتەي بازىرى ۋۇگۇڭتەي بازىرىۋۇگۇڭتەي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى گە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقتە ئۈرۈمچى گە 82 كىلومېتىر كېلىدۇ، 312-ئۆلكە يولى، ئۈرۈمچى-كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پۈتۈن بازارنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 37 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 572 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ كۆلىمى 120 مىڭ مو.

نوپۇسى

ۋۇگۇڭتەي بازىرى ۋۇگۇڭتەي بازىرىتەۋەسىدە توققۇز كەنت 3مەيدان، 32 تارماق رايونى بار، نوپۇس18374 ئادەم. چېگراسى ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 13 قېرىنداش مىللەت ئولتۇراقلاشقان. 2006-يىلى پۈتۈن بازارنىڭ يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمى 669 مىليون يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7139 يۈەن. 

مەمۇرىي ئايرىلىشى

ۋۇگۇڭتەي بازىرى ۋۇگۇڭتەي بازىرىقاراشلىق توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى بار : ۋۇگۇڭتەي كەنتى، داچۈەن كەنتى، شىياۋچۈەن كەنتى، غەربىي دەرەخلىق كەنتى، شىخۇ كەنتى، شىجۇخۇ كەنتى، جۇڭچۇ كەنتى، لۇڭۋاڭمياۋ كەنتى، لۇەنسەنزە كەنتى.

شان-شەرەپلىرى

ۋۇگۇڭتەي بازىرى ۋۇگۇڭتەي بازىرىيېقىندىن بېرى، ۋۇگۇڭتەي بازىرى مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پاكىز ئۈلگىلىك يېزا-بازار، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىلغار يېزا-بازار، ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىك «بەشتە ياخشى» يېزا ـ بازارلىق پارتكوم مەدەنىي يېزا-بازار، بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار يېزا-بازار، چارۋىچىلىق خىزمىتىدىكى ئىلغار يېزا-بازار، كەنت ئاھالىسى ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش لاياقەتلىك بازار،  مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورنى، مول بايلىق مەنبەسى ۋە مۇھىتى ياخشى خىزمەت مېخانىزمى ۋۇگۇڭتەي بازىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى