جۇغراپىيە

ئەرشىلىدەن بازىرى

ئەرشىلىدەن بازىرى

 

ئەرشىلىدەن بازىرى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە،قۇتۇبى ناھىيەسى گە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 311 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

تونۇشتۇرۇش

ئەرشىلىدەن بازىرى ئەرشىلىدەن بازىرىئەرشىلىدەن بازىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقىي ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىر، غەربى شىخەنزە شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 75 كىلومېتىر، جەنۇبى تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي105-تۇەن بىلەن قوشنا، 312-دۆلەت يولى، ئۆلكە تاشيولى، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە شىمالى شىنجاڭ تۆمۈر يولى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 

نوپۇسى

ئەرشىلىدەن بازىرى ئەرشىلىدەن بازىرىپۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 311 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 248 مىڭ مو، دېھقانلار ئائىلىسى 4681 ئائىلە، نوپۇس 15250 ئادەم. خەنزۇ،ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، جۇاڭزۇ قاتارلىق يەتتە ئاز سانلىق مىللەت ئولتۇراقلاشقان.

مەمۇرىي ئايرىلىشى

ئەرشىلىدەن بازىرى ئەرشىلىدەن بازىرىئەرشىلىدەن بازىرىغا قاراشلىق نىڭجۇخۇ كەنتى، كىچىك تۇخۇل كەنتى، دوڭتەن كەنتى، شىسىخۇ كەنتى، شياتۇگوڭ كەنتى، يۇقىرى تۇگۇڭ كەنتى، سىگۇڭ كەنتى، ئەرشىلىدەن كەنتى قاتارلىق سەككىز مەمۇرىي كەنت، بىر بازارلىق ئاھالىلەر كومىتېتى، 43 رايون بار. 

يېزا-ئىگىلىكى

ئەرشىلىدەن بازىرىئەرشىلىدەن بازىرى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، قوناق، قوغۇن-تاۋۇز، قىزىلچا، پەمىدۇر قاتارلىقلار. مىليون مو ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى، 10 مىڭ مو پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى، 10 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي بازىسى ۋە 10 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەك بازىسى قۇرۇلغان، خاس ئورمانچىلىق دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان تۈمەن مولۇق خاس كۆچەت تېرىش بازىسى بولۇپ قالغان، ئاساسلىقى موڭغۇلىيە قارىغىيى، ئاق شەمشاد، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، چوڭ يوپۇرماقلىق قارىياغاچ، سېرىق ئەتىرگۈل، يالغان چېتەن، چوكا دەرىخى، كورنۇس چاتقىلى قاتارلىق 80 دىن ئارتۇق دەرەخ  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى