جۇغراپىيە

لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى

لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى

 

لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىنى 2 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان.

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلىشى 

لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرىلۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى مورى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىنى 2 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. دەريا سۈيىنى توسۇيدىغان سۇ ئامبىرىغا تەۋە بولۇپ، تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان، دەريا توسمىسى بولغان ئاساسىي توسما قۇم قاپلىق سېغىز توپا ئۆزەك تاملىق توسما، توسما ئىگىزلىكى 42 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 1100 مېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى 5 مېتىر، ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 14مىليون كۇب مېتىر. 

قۇرۇلۇشى 

بۇ سۇ ئامبىرى مورى 1958-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 1998-يىلى 4-قېتىملىق داۋاملىق قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش يولى بىلەن ھازىرقى كۆلىمىگە يەتكەن، بۇ سۇ ئامبىرى شىنخۇ يېزىسى، جاۋبىسەن يېزىسى، سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى ۋە مورى بازىرىنىڭ سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا غايەت زور رول ئوينايدۇ. 

لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرىلۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى ناھىيە بازىرىغا يېقىن، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيەدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆكەرتىش-ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سۇ ئامبىرى ئەتراپىنى كۆكەرتىش كۆلىمى %125 مو بولغان. 

1958-يىلى لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى پۈتۈن ناھىيە خەلقىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بۇ سۇ ئامبىرى پۈتكەندىن كېيىن، مورى دەرياسى رايونىغا توپلانغان سۇ ئېقىنى، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلار ئون نەچچە مىڭ مو ئېتىز سۇغىرىلغان. 1987-يىلىدىن باشلاپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئورگان كادىرلىرى ۋە ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇ ئامبىرىنىڭ ئىككى قىرغاق كۆچەت تىكىش، ئوت-چۆپ تېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە نەچچە ئون مىڭ تۈپ تېرەك ۋە قارىغاي ياپيېشىل بولۇپ، سۇ ئامبىرى ئەتراپىنى يېشىللىققا تولدۇرغان. 

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى