جۇغراپىيە

گۈلساي ساياھەت رايونى

گۈلساي ساياھەت رايونى

 

گۈلساي تەڭرىتاغ رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبغا جايلاشقان. خۇائېرگۇ ساياھەت رايونى يەر شەكلى مول، ئالاھىدىلىكى روشەن، ساياھەت رايونى تۈرى كۆپ، ئۆزگىچە جۇغراپيەلىك مۇھىتى ۋە كىلىمات شارائىتى، بۆلۈنۈپ چىققان بىر قاتار ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن تېخىمۇ سىرلىق جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. 

 

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلىشى 

گۈلساي ساياھەت رايونىگۈلساي- تەڭرىتاغ رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبغا جايلاشقان. خۇائېرگۇ ساياھەت رايونى يەر شەكلى مول، ئالاھىدىلىكى روشەن، ساياھەت رايونى تۈرى كۆپ، ئۆزگىچە جۇغراپيەلىك مۇھىتى ۋە كىلىمات شارائىتى، بۆلۈنۈپ چىققان بىر قاتار ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن تېخىمۇ سىرلىق جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. خۇائېرگۇ، ئەسلىي نامى «خېيشۈيگۇ»، «تاش جىلغا»، تۇپراق شارائىتى ناچار يىمىرىلگەن قۇم شېغىل كۆپ. 1996-يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچى خەلق ھۆكۈمىتى قاقاس تاغلارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى شەھەر بويىچە «ئۈچ تاغ، بىر جىلغا» رايونى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن. تەڭرىتاغ رايونلۇق كۆكەرتىش يېرى سۈپىتىدە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلىق مەركەزلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇلغان.

مەنزىرىسى 

گۈلساي ساياھەت رايونىبىر نەچچە يىل جاپالىق تىرىشىش، گۈلساي گۈزەل، يېقىملىق ساياھەت رايونى بولۇپ قالغان. گۈلساي ساياھەت رايونى ھازىرقى كۆلىمى 3700 مو، 2100 مو كۆلىمى ئاللىقاچان يېشىللىققا كىرگەن. ساياھەت رايوندا ئەجدىھا چوققىسى با ربولۇپ بۇ جايدا بىر شىپاڭ، 250 مېتىر ئۈزۈم بارىڭى،ۋولۇڭ كۆۋرۈك، لوڭ شاۋقۇن كۆۋرۈك، ليۇخۇا ئېرىقى، كىگىز ئۆي، تەبىئىي مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، ئاشخانا قاتارلىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى شەكىللەنگەن. ئىنتايىن رەڭدار بولغان ئۆسۈملۈكلەر مەنزىرىلىرى، ئىگىز جايدا ئۇدۇل ئېقىپ چۈشكەن ياپيېشىل كۆل سۈيىدىن چاچراپ چىقىۋاتقان بۇژغۇنلار بۇ جاينىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتىدۇ.

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى