جۇغراپىيە

ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى

ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى

 

ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە 800 يىللىق تارىخقا ئىگە. تارىختا ئۈچ قېتىم رېمونت قىلىنغان، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ۋەيران قىلىنىشى 1932-يىلى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تەرىقەت دىنى ساياھەت قىلىش ئورنى.

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلىشى 

ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسىئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە 800 يىللىق تارىخقا ئىگە. تارىختا ئۈچ قېتىم رېمونت قىلىنغان، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ۋەيران قىلىنىشى 1932-يىلى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تەرىقەت دىنى ساياھەت قىلىش ئورنى. 1999-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋچېڭ ئوقەتچىلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ، ھەمدە تەڭرىتاغ ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن، ئەسلىدىكى بۇتخانا خارابىسى ئۈستىگە «ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى» قايتا قۇرۇلغان. قايتا قۇرۇلۇشتا ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى ئەسلدىكى ئىبادەتخانىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان، بۇ بۇتخانىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 2000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 429 كۋادرات مېتىر، بوغدا كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان، بوغدا كۆلىنىڭ مۇھىم مەنزىرىلەرنىڭ بىرى.

تارىخى 

ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسىئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىدىكى تاغ باغرىلىرىغا جايلاشقان. خان ئاننى ئىززەتلىگەنگە ئوخشاش ئىززەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، «مەبۇدە ئىبادەتخانىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، چىڭ سۇلالىسى نىڭ چيەنلۇڭ يىللىرى قۇرۇلغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئىبادەتخانا شۇ يىللاردىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئاسانلا گۈللەنگەن. 1932-يىلى، ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغان. 90-يىللارنىڭ بېشىدا تەيۋەن تويىن دىنى «شەپقەت قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلىشى ئارقىلىق ئەسلىدىكى ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بىر ئاددىي ئىبادەتخانا قىلىپ سېلىنغان. 2000-يىلى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇشىغا ئەگىشىپ، تەڭرىتاغ بوغدا كۆل بويىدىكى بۇ داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار ئورنى بولغان ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى ئەسلىگە كەلگەن.

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسىمەلۇمكى تويىن دىنى يەر شارائىتىدا ئىبادەتخانا ئورنىنى تاللاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالدى جەنۇب تەرەپكە قارايدۇ، ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، بىر تەرىپى سۇ بىلەن قورشالغان. ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى سول تەرەپى يىل بويى قار بىلەن قاپلانغان مۇقەددەس تاغ بوغدا چوققىسى، سول ئەجدىھا دەپ ئاتالغان. ئوڭ تەرەپتىكىسى بولسا بوغدا كۆلى (كىچىك بوغدا كۆلى). 

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى