ساغلاملىق

ناشتا قىلمىغان كۈنلەردە ئازراق ئۆرۈك مېغىزى يەڭ

يېقىندا ئامېرىكا ئالىملىرى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ناشتا قىلمىغان كۈنى ئازراق ئۆرۈك مېغىزى يېگەندە ساغلاملىققا بولغان زىياننى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

تەتقىقاتچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان 73 ئوقۇغۇچىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ %63 ى ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن ناشتا قىلمايدىغانلىقىنى، ياكى ھەپتىدە 2~4 قېتىمغىچە ناشتا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان، بىر گۇرۇپپىدىكى 30 ئادەمگە كۈنىگە 56 گىرام قاقلانغان ئۆرۈك مېغىزى (ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 1.34 كىلوجوئول) بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان 5 پىرەنىك (ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 1.41 كىلوجوئول) بەرگەن، ئىككى گۇرۇپپىنىڭ كۈندىلىك باشقا يېمەك-ئىچمەك ۋە چېنىقىش لايىھەسى ئوخشاش بولۇپ، بۇنى سەككىز ھەپتە داۋاملاشتۇرغان. تەتقىقات باشلىنىپ 4-ھەپتىسى ۋە ئاخىرلاشقان مەزگىلدە تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى يىغقان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىدە روشەن پەرق بولمىغان، ئەمما پىرەنىك يېگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆرۈك مېغىزى يېگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆرۈك مېغىزى يېگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قان شېكىرى سەۋىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېخىمۇ تېز بولغان، ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىمۇ %34 تۆۋەنلىگەن.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مېرسېد تارماق مەكتىپىنىڭ دوكتورى رۇدى ئورتىز مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدا %20~%43 كىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ناشتا قىلمايدۇ. بۇ تەتقىقاتقا ئاساسەن شۇنداق تەكلىپ بېرىمىز، بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تاماق بولغان ناشتىلىقنى قولدىن بېرىپ قويغان ئوقۇغۇچىلار چۈشتىن ئىلگىرى ئۆرۈك مېغىزى يەپ ئوزۇقلۇق تولۇقلىسا بولىدۇ. ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ساغلام ياغ، ئاقسىل، ۋىتامىن E ۋە ماگنىي ماددىسى مول، ئۆرۈك مېغىزى يېگەندە ئاچلىق تۇيغۇسىنى يېنىكلەتكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە قان بېسىمى ۋە خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ». دوكتور رۇدى ئورتىز: ساغلام كىشىلەرگە قارىغاندا، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يوغان قورساق كىشىلەر توپى ناشتىلىقىغا ئۆرۈك مېغىزى يەپ بەرسە پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، دېدى.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى