ماخاۋ كېسەللېكىنىڭ يۇقۇش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش توغرىسىدا
قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 2-دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
ماخاۋ كېسەللىكى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى تېرە ۋە ئەتراپ نېرۋىلىرىدا بولىدۇ. ماخاۋ كېسەللېكىنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا ئالاقىدار بىلىملەر توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:
ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ بىيوخىمىيەلىك ئالاھىدىلىكى
ماخاۋ كېسەللېكىنى قوزغايدىغان باكتېرىيە ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيەسى، دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيەسى تۇبېركۇليۇز تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن بىر تۈردىكى باكتېرىيە ئائىلىسىگە تەۋە. بۇ باكتېرىيە كۆپىيىدىغان ۋاقىتتا تارماققا بۆلۈنۈپ كۆپىيىدىغان بولغاچقا، ئاچماق تاياقچە باكتېرىيە، دەپ ئاتىلىدۇ. ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيەسى ئاچماق باكتېرىيە ئىچىدىكى ئىنسانلارنىڭ نېرۋا توقۇلمىلىرىغا تاجاۋۇز قىلالايدىغان بىردىنبىر باكتېرىيە ھېسابلىنىدۇ.
ماخاۋ كېسەللېكىنىڭ يۇقۇش يولى
1. بىۋاسىتە ئۇچراشقاندا يۇقىدۇ: ساغلام كىشىلەر داۋالانمىغان ماخاۋ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقاندا يۇقىدۇ ياكى ئاغرىقنىڭ تەركىبىدە باكتېرىيە بار چاچراندىلىرىدىن يۇقىدۇ.
2. ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىشتىن يۇقىدۇ: تۇرمۇش بۇيۇملىرى، سۇ مەنبەسى ۋە تۇپراق ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بۇ باكتېرىيە بار بۇيۇم، سۇ ۋە تۇپراق بىلەن ئۇچراشقاندا، يۇقۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
3. يۇقۇش يولى: تېرە ياكى نەپەس يولى ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولۇپ، زەخىملەنگەن تېرە ۋە نەپەس يولى شىللىق پەردىسى (ئاساسلىقى بۇرۇن شىللىق پەردىسى) ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن ئۇچراشقاندا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئىجتىمائىي ئامىل: تازىلىق شارائىتى ناچار بولۇش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە تار ئۆيدە توپلىشىپ ياشاش قاتارلىقلار ماخاۋ كېسەللېكىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.
ماخاۋ كېسەللېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش
1. ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ماخاۋ كېسەللىكىگە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال داۋالىنىش كېرەك.
2. ماخاۋ كېسەللىكى كۆپ تارقىلىدىغان رايونلاردا ئەمگەك قىلغاندا، قول-پۇت تېرىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
3. ماخاۋ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىق ئىشلەتكەن ھەر قانداق بۇيۇمنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش ھەمدە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھەر قانداق يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاغرىق بىلەن كۆرۈشكەندە قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك.
4. تۇرالغۇ مۇھىتىغا دىققەت قىلىپ، دائىم ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كۈن نۇرىنىڭ يېتەرلىك چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتلىكى بولىدۇ.
ماخاۋ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئايرىۋېتىش كېرەك، ئاغرىقنى بالدۇر، ۋاقتىدا، تولۇق، ئۆلچەملىك داۋالىغاندا، سالامەتلىكى بىر قەدەر تېز ئەسلىگە كېلىپ، بەدەننىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، مېيىپ بولۇپ قېلىش ۋە كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.