ساغلاملىق

بۇ نەچچە خىل ئۇسۇل ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

گاسلىق ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن بەلكى ئېغىر بولغاندا دېۋەڭلىككە گىرىپتار قىلىپ قويۇش خەتىرى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ياشانغانلار گاس بولۇپ قېلىش خەۋپىنى قانداق ئىلمىي تەكشۈرۈش توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى:

بۇ نەچچە خىل ئۇسۇل ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

ياشانغانلاردىكى گاسلىق ئادەم ئەزالىرىنىڭ تەبىئىي قېرىش جەريانىغا تەۋە بولۇپ ئەزالارنىڭ قېرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇقەررەر نەتىجە. مىجەزىدىكى ئۆزگىرىش، پىسخىكىلىق زەخىملىنىش، جىمغۇرلۇق، خامۇشلۇق، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش سىگنالى قايسىلار؟ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە قانداق دىياگنوز قويۇش كېرەك؟ مانا بۇ ئۈچ خىل سىناق سىزگە نەتىجىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

بۇ نەچچە خىل ئۇسۇل ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

تۆۋەندىكى بەش سوئالغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ياشانغانلاردا گاس بولۇپ قېلىش خەۋپىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ:

1. تېلېۋىزور كۆرگەندە ئاۋازىنى بەك يۇقىرى كۆتۈرەمسىز؟

2. گەپ قىلغاندىكى ئاۋازىڭىز بەك يۇقىرىمۇ؟

3. بىر سۆزنى نەچچە قېتىم تەكرارلامسىز؟

4. باشقىلار گەپ قىلۋاتقاندا بۆلىۋىتىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟

5. ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟

بۇ نەچچە خىل ئۇسۇل ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

گەپنى بۆلۈۋېتىش، ئېنىق ئاڭلىيالماسلىق، ئوي-پىكرىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىش، تۆۋەن ئاۋازنى ئاڭلىماسلىق، يۇقىرى ئاۋازدا ئاڭلىيالماسلىق قاتارلىقلار ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ،ئۇنداقتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ باقايلى.

قان بېسىمىنىڭ تەۋرىنىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەندە، ئەگەر يۇقىرى قان بېسىم مەۋجۇت بولسا، ياشانغانلاردا گاس بولۇپ قېلىش خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم ياشانغانلاردىكى گاسلىق ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ۋاسىتىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھەقتە يەنە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلاپ باقايلى.

بۇ نەچچە خىل ئۇسۇل ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

دوختۇرخانىدا مەخسۇس ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سىناق قىلىنغۇچىدا ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئاڭلاش ئىقتىدارىنى خاتىرىلەش جەدۋىلىدىكى ئەگرى سىزىق تەدرىجىي تۆۋەنگە قاراپ چىقسا، بۇ قۇلاقتا ياشانغانلاردىكى گاسلىق ئالامىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇ نەچچە خىل ئۇسۇل ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، قۇلاقنى قالايمىقان كوچىلىماسلىق، شاۋقۇنلۇق مۇھىتتىن يىراق تۇرۇش، تىڭشىغۇچنى ئاز ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ياشانغانلار گاس بولۇپ قالسا، ياردەمچى ئاڭلىغۇچ(助听器)نى قانداق تاللاش كېرەك؟

ياردەمچى ئاڭلىغۇچ قۇلاق ئاجىزلاشقاندا ئىشلىتىدىغان قورال بولۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىشلەتكەندە ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. قۇلاق ئىشلىتىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، كۆپرەك چېنىقىش ئارقىلىق ياشانغانلاردىكى گاسلىقنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ، ئەگەر ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلىسە ياردەمچى ئاڭلىغۇچنى توغرا تاللاش كېرەك.

بۇ نەچچە خىل ئۇسۇل ياشانغانلاردىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى