تەبىئەت

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

مالايسىيا دۇنياغا مەشھۇر ھايۋانات، ئۆسۈملۈك جەمگاھى. ئۇ يەردىكى ھايۋانات باغچىسىنى سەيلە قىلغاندا ھايۋاناتلارغا ئائىت بىلىمنى ئاشۇرغىلى ھەم شۇ ھايۋانلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىلى، شۇنداقلا كىتاب، تېلېۋىزورغا قارىغاندا تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈن كۆپچىلىككە مالايسىيادىكى ئاشۇ ئوماق ھايۋانلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

چىلبۆرە

چىلبۆرىنىڭ تېرىسى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. ئاستى تەرىپى، بويۇن ۋە كۆكرەك قىسمى ئاق ياكى سۇس سېرىق رەڭدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇيرۇقىدىكى تۈكلەر خېلىلا قويۇق بولغانلىقى ئۈچۈن قارىماققا ئىنتايىن توم كۆرۈنىدۇ.

چىلبۆرە توپلىشىپ ياشايدۇ، لېكىن ھەرقايسى رايونلاردا زىچلىقى بىرقەدەر شالاڭ، سانى تۈلكە، بۆرە قاتارلىقلارنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس، ماكانلىشىش مۇھىتىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

بورنېئو چوڭ ساقاللىق توڭگۇزى

چوڭ ساقاللىق توڭگۇزنىڭ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇ چوڭ ساقاللىرى بىلەن داڭلىق. ئۇلار بورنېئو رايونىدا ياشايدۇ، پىشقان مېۋە ۋە زەمبۇرۇغ موگۇسىنى يېيىشكە ئامراق. بورنېئو ئىشتاتىدىكى چوڭ ساقاللىق توڭگۇز بىلەن كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئادەتتىكى ھۇرۇن توڭگۇز ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ناھايىتى جانلىق بولۇپ، 22 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ. ئۇلار سۇدىن قورقمايدۇ، شۇڭا دائىم ئۇلارنىڭ دەريادا ئۈزۈپ يۈرگەن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

تاغ تېشەر

مالايسىيا تاغ تېشەرىنىڭ قۇيرۇقىدا ئاق رەڭلىك تەڭگىچىلەر بولغاندىن سىرت، پۈتۈن بەدىنىدە قېنىق قوڭۇر رەڭلىك تەڭگىچىلەر بولىدۇ. يۈز قىسمى ۋە بەدىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپى قىسقا، سۇس رەڭلىك تۈكلەر بىلەن قاپلانغان.

ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ھەم يېپىشقاق تىلى بار بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇلۇپ ئالالايدۇ. ئەپسۇس ئۇلارنىڭ قاسرىقىنى دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ قارالغاچقا، كۆپلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، ھازىر بۇ ھايۋان نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

مالاي ئېيىقى

مالاي ئېيىقىنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئاران 120 سانتىمېتىردىن 150 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك ئېيىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقلىرىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن باشقا تۈردىكى ئېيىقلارغا ئوخشاش قىشلىق ئۇيقۇغا موھتاج ئەمەس. مالاي ئېيىقى دائىم كۈندۈزى ئارام ئېلىپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ.

مالاي ئېيىقىنىڭ تىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئاق چۈمۈلە ياكى باشقا ھاشاراتلارنى يېيىشكە قولايلىق. مالاي ئېيىقىنىڭ ئالدى پۇتى يايسىمان ئېگىلگەن، ئالقىنى ئىچىگە قايرىلغان، ئۆتكۈر تىرناقلىرى ئورغاق شەكلىدە بولۇپ، ئۇلارنى دەرەخكە يامىشىشتا ئەڭ قابىل ماھىرغا ئايلاندۇرغان.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

دىپتېرۇس ئادەمسىمان مايمۇنى

ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇن مالايسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئورمانلىقلاردا گاھ پەيدا بولۇپ گاھ غايىب بولىدۇ. تۇتاش بارماقلىق ئادەمسىمان مايمۇن ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇن كەنجى ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، سۇماترا ۋە مالاي يېرىم ئارىلىدىكى ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ.

بوغۇزىنىڭ ئاۋاز خالتىسى ئوچۇق، يۇمىلاق ھەم چوڭ، كۈل رەڭ ياكى ھال رەڭ، سايرىغاندا خۇددى توپتەك تومپىيىپ چىقىدۇ. ئۈچىنچى بارمىقىنىڭ ئارىلىقى پالاقچە شەكلىدە بولۇپ، بۇ ئىككى پۇت بارمىقى مەڭگۈلۈك تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ھەتتا ئاخىرقى بوغۇملىرىغىچە تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

شەرق دېڭىز قولتۇقى مۈشۈكياپىلاقى

مۈشۈكياپىلاقنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن شەرق قولتۇقىدىكى مۈشۈكياپىلاق خېلىلا ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنىڭ داڭلىق V شەكىللىك پېشانىسى ئۇنى باشقا تۈردىكى مۈشۈكياپىلاقتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئۇنىڭ پەيلىرى ئادەتتە بېغىر رەڭ، ئاستى تەرىپى كۈل رەڭ بولۇپ، قوڭۇر رەڭلىك داغلىرى بولىدۇ. يېقىملىق ئىسقىرتقان ئاۋاز چىقىرىدۇ.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

بىگىز تۇمشۇق ھۆپۈپ قۇشى

بۇ قۇش دائىم يەر يۈزىدە ئاستا ماڭغاچ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، چۆچۈپ كەتكەندە دەرەخ شېخىغا چىقىۋالىدۇ ياكى بىر بۆلەك ئارىلىققا ئۇچۇپ بارغاندىن كېيىن يەنە يەرگە چۈشىدۇ، ئۇچقاندا ئىككى قانىتىنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ، بىرلىكتە دولقۇنسىمان ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

ئۇنىڭ مىجەزى بىر قەدەر مۇلايىم بولۇپ، ئادەمدىن ئانچە قورقمايدۇ. سايراش ئاۋازى توم ھەم پەس. سايرىغاندا تاجىسى چوقچىيىپ تۇرىدۇ، تولغىنىپ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ. سايراشقا ئەگىشىپ، پەي تاجىسى سەكرەيدۇ، سايرىغاندا كېكىردەك بوينى ئۇزىراپ تومپىيىپ، بېشى ئالدىغا سوزۇلۇپ، بىر تەرەپتىن مېڭىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بېشىنى توختىماي لىڭشىتىدۇ.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

ئاسپېرگىللۇس مايمۇنى

ئۇلارنىڭ تېرىسىدىكى ئايرىغۇچى پەردە كېڭەيگەندىن كېيىن، تەن شەكلىنى ياپىلاق پاراشۇت شەكلىگە ئۆزگەرتىپ، ئاسانلا بىر دەرەخنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر دەرەخنىڭ ئۇچىغىچە لەيلىتىپ ئۇچالايدىغان قىلغان، ئەڭ يىراق شۇڭغۇش ئارىلىقى 136 مېتىر بولغان. پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېقىن تۇغقىنى بولۇپ، تەخمىنەن 86 مىليون يىللار بۇرۇنقى بور دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلاردىن ئايرىلىپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن بىر خىل يېڭى تۈر بولۇپ شەكىللەنگەن.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

ئۇزۇن بۇرۇن مايمۇن

ئۇزۇن بۇرۇن مايمۇن بىر خىل قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك مايمۇن بولۇپ، بۇرنى ئىنتايىن چوڭ، ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بورنېئو ئارىلىنىڭ ئالاھىدە بىر تۈرى، ئۇ بورنېئو ئورانگۇتانى بىلەن بىللە ياشايدۇ. بۇ خىل مايمۇننىڭمۇ ھىندىنوزىيەلىك ئىسمى «گوللاندىيە مايمۇنى» بولۇپ، ھىندىنوزىيەلىكلەر گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇزۇن بۇرۇن مايمۇننىڭكىگە ئوخشاش چوڭلۇقتا قورسىقى ۋە بۇرنى بار دەپ قارايدۇ.

ئۇزۇن بۇرۇن مايمۇن بىر خىل چوڭ تىپتىكى تۈر بولۇپ، ئاسىيادىن چىقىدىغان ئەڭ چوڭ مايمۇنلارنىڭ بىرى. پەقەت شىزاڭدىكى ماكاكا مايمۇنى ۋە بەزى كۈلرەڭ لانگۇر مايمۇنىلا ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدىن قېلىشمايدۇ.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

بورنېئو پاكىنەك پىلى

كىچىك پىلنىڭ ئىگىزلىكى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ، يېتىلگەن ئەركىكىنىڭ بوي ئىگىزلىكىمۇ 2.5 مېتىردىن ئاشمايدۇ. باشقا پىل تۈرىگە ئوخشاش بۇ خىل پىل بالىلىرىنىڭمۇ قۇلىقى ناھايىتى چوڭ، قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئاساسەن يەرگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. مىجەزى باشقا ئاسىيا پىلىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇلايىم.

كىچىك پىل مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بورنېئو شتاتىدىكى ئەتىۋارلىق تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارىدا ئاران 1500لا بار، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان چۈشەنچىسىمۇ ئىنتايىن چەكلىك.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

كامپتېرا نوبارۇ كەسلەنچۈكى

كامپتېرا نوبارۇنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئىزچىل تۈردە ساياھەت رايونى ۋە ئەڭ ياخشى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك تەتقىقات رايونى بولۇپ كەلگەن.

كامپتېرا نوبارۇ كەسلەنچۈكىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىر (قۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) غا يېتىدۇ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەتتا بەدىنىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن قاسراقلىرى ۋە دۈمبىسىنىڭ بۆرتۈپ چىقىشىدىن بۇ سولتەكنىڭ ناھايىتى يامانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى مۇلايىم.

بۇ خىل شەكىل غەرب دۇنياسىنىڭ رىۋايەتلىرىدىكى ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يەنە بىر خىل ئىسمى: جىڭنابارۇ ئەجدىھاسى.

بۇ ھايۋانلارنى پەقەت مالايسىيادىلا كۆرگىلى بولىدۇ

قىزىل تۈكلۈك ئورانگۇتان

بۇ خىل ئورانگۇتان بولسا ئورانگۇتان كەنجى ئائىلىسىدىكى پەقەت بىرلا ئۇرۇقداش بولۇپ، جەمئىي ئىككى تۈرى بار، يەنى بورنېئو ئورانگۇتان بىلەن سۇمېندارا ئورانگۇتانىدىن ئىبارەت. ھازىر پەقەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىلا ساقلىنىپ قالغان. ئىنسانلار بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ گېن بىلەن ئوخشاشلىق دەرىجىسى %96.4 كە يېتىدۇ.

قىزغۇچ تۈكلۈك ئورانگۇتان، ئورانگۇتان ۋە شىمپەنزە قاتارلىقلار «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئادىتى مۇنداق: ئادەتتە ئاۋاز ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرمايدۇ، ئوخشاش بىر رايوندا ھەرىكەت قىلسىمۇ ئۆزئارا دەخلى قىلىشمايدۇ. ئوتتۇرىچە ئۆمرى تەخمىنەن 40 يىل، ئوتتۇرىچە بوي ئىگىزلىكى تەخمىنەن 171 ~ 180 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى