تەبىئەت

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

بىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىلا ئارخىمېدنىڭ لەيلىتىش كۈچىنى بايقاش پىرىنسىپىغا دائىر ھېكايىنى كۆرگەن. لەيلىتىش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جىسىم سىقىپ چىقارغان سۇنىڭ ھەجىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، جىسىم ئۇچرىغان لەيلىتىش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى سىقىپ چىقىرىلغان سۇنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

بىز بېلىقنىڭ قورسىقىدىن چىققان بېلىق پۈۋەكچىسىگە قاراپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىكى بىلىمىمىزنى ئەسلەپ بۇ بېلىق پۈۋەكچىسى يۇمشاق، ئېلاستىكلىققا ئىگە، خۇددى شارغا ئوخشايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ بېلىقنىڭ لەيلەش ۋە چۆكۈشىنى كونترول قىلالايدۇ دەپ ئويلايمىز.

300 نەچچە يىل ئىلگىرىمۇ، ھەممە ئادەم مۇشۇنداق ئويلىغان. بۇ خىل نەزەرىيە ئەڭ دەسلەپتە ئىتالىيە فلورېنسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پىروفېسسورلىرى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1685-يىلى پىروفېسسور بورالى تەرىپىدىن رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇنىڭ نەزەرىيەسىنىڭ قارىشىمۇ بىزنىڭ بىلىمىمىز بىلەن بىردەك بولۇپ، بېلىق پۈۋەكچىسى لەيلەش ۋە چۆكۈشنى كونترول قىلىدۇ دەپ قارىغان. ئەمما ئۇنىڭ نەزەرىيەسىدە ئەڭ ئەجەللىك بىر كەمتۈكلۈك بار بولۇپ، بېلىق پۈۋەكچىسى لەيلەش ۋە چۆكۈشنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بېلىقلارنىڭ بېلىق پۈۋەكچىسىنى قانداق كونترول قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بېلىق پۈۋەكچىسى ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلىق پۈۋەكچىسى قۇرۇلمىسى ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدىكەن، سىرتقى قەۋىتى مۇستەھكەم، ئىنتايىن سۈزۈك بولغان تالا توقۇلمىسى بولۇپ، ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىكەن، ئوتتۇرا قەۋىتى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما بولۇپ، ئېلاستىك ھەرىكەتلەرگە چىداملىق ئىكەن، ئەڭ ئىچكى قەۋىتى تېرە ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، پەقەت بەزى قان تومۇرلارلا بولىدىكەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى پۈتۈن بېلىق پۈۋەكچىسىدە مۇسكۇل توقۇلمىلىرى بولمايدۇ، شۇڭا بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ ھەجىمنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنداقتا بېلىقلار باشقا ئەزالىرى ئارقىلىق بېلىق پۈۋەكچىسىگە ھاۋا تولدۇرۇپ ياكى ھاۋا چىقىرامدۇ؟ بۇ نۇقتىنى ئاددىي بىر سىناق ئارقىلىقلا ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ، يەنى بىز ئادەتتە بېلىق ئۆلتۈرگەندە، بېلىقنىڭ قورسىقىدىن چىققان بېلىق پۈۋەكچىسى مۇكەممەل بولۇپلا قالماي، ھەتتا يەل قاچمايدۇ، پەقەت بېلىق پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ماكچىيىپ قالىدۇ، بۇ نۇرغۇنلىغان تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنىڭ پۈۋەكچىسىنىڭ روشەن ھالدا ھاۋانى قاچۇرمايدىغانلىقى چۈشەندۈرىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە بېلىق پۈۋەكچىسى كېكىردەك پۈۋەكچىسى ۋە يېپىق پۈۋەكچە دەپ ئايرىلىدۇ، ئالدىنقىسى پۈۋەكچە نەيچىسى بىلەن ھەزىم قىلىش يولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بىر قىسىم قاتتىق سۆڭەكلىك بېلىقلار ھەقىقەتەن بېلىق پۈۋەكچىسى ئارقىلىق نەپەسلىنەلەيدۇ، كېيىنكىسىنىڭ پۈۋەكچە نەيچىسىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، بېلىق پۈۋەكچىسىدىكى ھاۋا «ئاجرىتىپ چىقىرىش» ئۇسۇلى بىلەن كىرىدۇ.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە سالمون بېلىقىنىڭ بېلىق پۈۋەكچىسىدىكى ھاۋانى سۈنئىي ئۇسۇلدا چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، تۆت سائەتتىن كېيىن ئاندىن قايتىدىن تولۇشقا باشلايدىكەن، روشەنكى، بۇ سۈرئەت بېلىقلارنىڭ لەيلەش ۋە چۆكۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىكەن. ئەگەر يۇقىرىقى تەجرىبىلىلەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بولمىسا، يەنە بىر تېخىمۇ بىۋاسىتە ئىسپات بار، ئەگەردە بېلىقلار پۈۋەكچىسىگە تېز سۈرئەتتە ھاۋا قاچىلايدۇ ۋە ھاۋانى چىقىرۋېتىدۇ دېگەن قاراش توغرا بولسا، بۇ نەزەرىيە بويىچە بېلىقلار سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىش جەريانىدا ھاۋا تولۇقلاشقا، سۇغا چۆكۈش جەريانىدا ھاۋا چىقىرىشقا موھتاج بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋالدا، بېلىقلار سۇ ئىچىدە ھاۋا سۈمۈرەلمەيدۇ، ھەم نېمە ئۈچۈن سۇ ئاستىغا شۇڭغۇغاندا ھاۋا كۆپۈكچىلىرى چىقارمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

 

چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ قىيىن بولغىنى بېلىقنىڭ ئۆلۈشى بولۇپ، نۇرغۇن تاتلىق سۇ بېلىقلىرىدا ئۆلگەندىن سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بەزى قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشتا، مەسىلەن، توك ئارىلىق بېلىق تۇتسا ياكى زەھەر سېلىپ بېلىق تۇتقاندا، قىسقا ۋاقىت ھەتتا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بېلىقنى ئۆلتۈرەلەيدۇ، ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن بۇ بېلىقلار تېزلىكتە سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ، ناۋادا ئەگەر بېلىقلار بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ ھەجمىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق لەيلەش ۋە چۆكۈشنى ئىشقا ئاشۇرسا، بېلىقلار ئۆلگەندىن كېيىن سۇ ئۈستىدە لەيلەش ھادىسىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟

ۋەھالەنكى بېلىققا تەقلىد قىلىپ لايىھىلەنگەن سۇ ئاستى كېمىسى ئوق تەگكەندىن كېيىن ياكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يوقالغاندىن كېيىن سۇ ئۈستىگە لەيلىمەيدۇ، ئەكسىچە چۆكۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىلىدۇ، روشەنكى سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ سۇ ئاستىدا لەيلەپ چۆكۈش پىرىنسىپى بىز ئويلىغاندەك ئەمەس، ياكى بىزنىڭ بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىمىز بار.

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدىكى نەزەرىيىدە ئەمەلىيەتتە ئىزچىل باشقىچە پىكىرلەر بولۇپ كەلگەن، بەلكىم بۇنداق بىلىم چوڭقۇر ھەم سىستېمىلىق دەلىللەشكە ئەرزىمەسلىكى مۇمكىن، 300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ چۆكۈشىنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى قاراش دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قارىشىغا ئايلاندى.

2008-يىلى شاڭخەي شياڭمىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى خۇاڭ زىڭشىن مۇئەللىم بەش نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى باشلاپ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بېلىق پۈۋەكچىسى ئىقتىدارى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنئەنىۋى نەزەرىيەنىڭ گۇمانلىق نۇقتىلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئەنئەنىۋى نەزەرىيەنىڭ نۇرغۇن زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە بېلىقنىڭ پۈۋەكچىسى ئارقىلىق لەيلەپ-چۆكۈش نەزەرىيەسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى ئىسپاتلارنى بايقىغان، بارلىق بېلىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە بېلىق پۈۋەكچىسى بولمايدۇ، مەسىلەن، لەھەڭلەردە پۈۋەكچە بولمايدۇ، قاتتىق سۆڭەكلىك بېلىقلاردىمۇ بېلىق پۈۋەكچىسى بولمايدۇ، تىلاپىيە بېلىقىدىمۇ بېلىق پۈۋەكچىسى بولمايدۇ.

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

روشەنكى، بېلىقلارنىڭ سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان باشقا نەرسە بولۇشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، بېلىقلار ئاساسلىقى كۆكرەك پالاقچىسى ۋە قورساق پالاقچىسىنىڭ ھەرىكىتىگە تايىنىپ سۇدا لەيلەپ ۋە چۆكىدىكەن. بېلىق پۈۋەكچىسى گەرچە ئاكتىپ تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇقىم مەۋجۇت بولۇش سۈپىتى بىلەن بېلىقنىڭ ئېغىرلىق كۈچى بىلەن لەيلىتىش كۈچىنى پاسسىپ ھالدا نىسپىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ ئېنېرگىيەنى تېجەيدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بېلىق پالاقچىسىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق چۆككەندە، بېلىق پۈۋەكچىسى بېسىمنىڭ زورىيىشى بىلەن ھەجىمى كىچىكلەيدۇ، چۆككەنسېرى لەيلىتىش كۈچى كىچىكلەيدۇ، بۇ خىل پاسسىپ ئۆزگىرىش بېلىقلارنىڭ چۆكۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

ئوخشاش قائىدە بويىچە، بېلىقلار لەيلىگەندە بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ بېسىمى كىچىكلىگەنلىكتىن ھەجمى چوڭىيىدۇ، قانچە چوڭايغانسىرى لەيلىتىش كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ رولى بېلىقلارنى ياشاش چوڭقۇرلۇقىدىكى سۇغا ئوخشاش زىچلىققا ئىگە قىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

كۆپ ساندىكى بېلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ رولى لەيلەش ۋە چۆكۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كونترول قىلىش بولماستىن، بەلكى بىر خىل تەڭشەش ئەزاسى بولۇپ، ئاستا ھاۋا كىرىش ۋە ھاۋا چىقىرىش ئارقىلىق بېلىقلارنىڭ ماكانلاشقان سۇ قاتلىمىغا ماسلىشىشقا ياردەم بېرىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ؟

لېكىن، سۇ ئاستىدا ياشايدىغان بېلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ رولى بىرقەدەر كىچىك بولۇپ، ئادەتتە بىرقەدەر سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت تېز سۈرئەتتە ئۈزۈپ يۈرىدىغان بەزى بېلىقلارنىڭ بېلىق پۈۋەكچىسىمۇ تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ.

ئىنتايىن تېيىز سۇ رايونىدا ياشايدىغان بەزى بېلىقلارغا نىسبەتەن، ئۇلار بېلىق پۈۋەكچىسى ئارقىلىق لەيلىتىش كۈچىنى تەڭشىمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بېلىق پۈۋەكچىسىنىڭ باشقا بىر رولى بار. مەسلەن، سېرىق گوربىل بېلىقى ھەر يىلى قۇرغاقچىلىق پەسلىدىكى خىرىسقا بەرداشلىق بېرىدۇ، سۇ قۇرۇپ كەتكەن مەزگىلدە ئۇلار لاتقىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالىدۇ، بېلىق پۈۋەكچىسى بۇ ۋاقىتتا «ئۆپكە»گە ئوخشاش ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بېلىق پۈۋەكچىسى يالغۇز ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش قورالى بولۇپلا قالماستىن، يەنە جورا ئىزدەش جابدۇقىمۇ بولالايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى