يېمەك-ئىچمەك

كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە باچكا شورپىسى تەييارلاش

 مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، خەلق ئارىسىدا بىر كەپتەرنىڭ گۆشى توققۇز توخونىڭ گۆشىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ دەيدىغان گەپ بار.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كەپتەر گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنA،ۋىتامىنE،B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار،پانتوتېنىك كىسلاتا، شۇنىڭدەك كالتىسىي،تۆمۈر،مىس قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.
كەپتەر گۆشى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار، ئوپراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار ۋە قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.
خەلق ئارىسىدا كەپتەر گۆشىگە باشقا دورىلارنى سەپلەپ باش قېيىش كېسىلى، ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدىغان رېستېپلار بار. ئاياللار دائىم كەپتەر گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىنسىي ھەۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. كەپتەر گۆشى چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش ۋە ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىش قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
كەپتەرگۆشى ئاسان ھەزىم بولىدۇ، بەدەن قۇۋۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يەلنى ھەيدەپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەلدىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كېتىش، قان زەئىپلىشىشتىن ھەيز توختاپ قېلىش، باش قېيىش، روھىي جەھەتتە چارچاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چىكىنىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، داۋالاش رولى بار.
كەپتەر باچكىسىنىڭ گۆشى بەدەندە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تىزلىتىدۇ. ئاشقازان ياللۇقى ۋە ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.
كەپتەرنىڭ قېنى ئوپراتسىيە جاراھىتىنى تىز ساقايتىدۇ، كەپتەر باچكىسىنىڭ سۆڭىكى تېرىنى ئاق، يۇمشاق قىلىدۇ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ، مەڭزىنى قىزىل قىلىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
كەپتەر گۆشى ياشانغانلار، تېنى ئاجىز، ئاغرىقچان كىشىلەر، ئوپراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار، ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلار نىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەپتەر گۆشىنى ھوردا دۈملەپ، شورپا قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئادەتتە كەپتەرنىڭ باچكىسىنىڭ دورىلىق رولى ئالاھىدە يۇقۇرى بولىدۇ.
بەدىنى سوغۇق ھېس قىلىدىغان، جىنسىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئاشقازان ياللۇقى، ئۇيقۇسى كۆپ، ھارغىن ھېس قىلىدىغانلار، بالياتقۇ، جىنسىي يولى ياللۇقىغا گىرىپتار بولغان، ئاق خۇن كۆپ كېلىدىغان، بەل-پۇت تىلىپ ئاغرىيدىغان ، جىنسىي ھېسسىياتى سۇسلىغان ئاياللار ئىككى كۈندە بىر قېتىمدىن باچكا شورپىسى ئىستىمال قىلىپ بەرسە قۇۋۋەتنىڭ ئەسلىگە كىلىشگە كۆپ ياردىمى بولىدۇ.
باچكا شورپىسىنىڭ سالىدىغان قوشۇمچە تەم خۇرۇچلاردىن قاننى جانلاندۇرۇپ بۆرەك، بالياتقۇنى قىزىتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردا قەلەمپۇر، قوۋزاقدارچىن، زەپە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، سەككىز قۇلاق، تۇز، پىياز قاتارلىقلار.
ئەسكەرتىش:
يۇقۇردىكى خۇرۇچلارنى سېلىپ كەپتەر شورپىسى تەييارلىغاندا يۇقۇرى قان بېسىمى بىمارلىرى، كىچىك بالىلار ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى