ساغلاملىق

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش كېرەك؟

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش كېرەك؟

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش كېرەك؟

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق HIV/ AIDS بىمارلىرىنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى ھەمدە HIV ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. لېكىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا قارشى تۇنجى دورا بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، دورا تەسىر قىلماسلىق مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇپ داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.

HIV ۋىرۇسىغا دورا تەسىر قىلماسلىق دېگىنىمىز ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئۆزىدىكى ئىرسىيەت ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، دورىنىڭ تىزگىنلەش رولىغا بولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ كېتىش ياكى سەزگۈر بولماسلىق ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نەتىجىدە يەككېلەردە ئېغىر كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئاممىغا نىسبەتەن يېڭى تىپتىكى جامائەت ساغلاملىق كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «2019-يىللىق ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا دورا تەسىر قىلماسلىق دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە: قىسمەن رايونلاردا، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى HIV غا دورا تەسىر قىلماسلىق ئاگاھلاندۇرۇشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان.

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش كېرەك؟

دورا تەسىر قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىگە ئاساسەن دورا تەسىر قىلماسلىقنى ئۈچ خىل ئەھۋالغا بۆلۈشكە بولىدۇ:

بىرىنچى خىلى بولسا ئېرىشىش خاراكتېرلىك دورا تەسىر قىلماسلىق (ADR) بولۇپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتىن كېيىن كۆرۈلىدىغان دورا تەسىر قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى خىلى بولسا تارقىلىشچان خاراكتېرلىك دورا تەسىر قىلماسلىق (TDR) بولۇپ، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، يۇقۇملانغۇچى ئېلىپ يۈرگەن ۋىرۇس تۈپىدە ئالاھىدە بولغان دورا تەسىر قىلماسلىق ئۆزگىرىشچانلىقى بار بولۇپ، بۇ ۋىرۇسلار ئاساسلىقى تارقىلىپ يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان .

ئۈچىنچى خىلى بولسا ART دىن بۇرۇنقى HIV ۋىرۇسىغا دورا تەسىر قىلماسلىق (PDR) بولۇپ: بۇ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى تۇنجى قېتىم باشلاش ياكى قايتىدىن باشلاشتىن ئىلگىرى بايقالغان دورا تەسىر قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم يۇقۇملانغان چاغدا (TDR) دىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا يەنە ئىلگىرى ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى قانۇنىيەتلىك ھالدا ئىستېمال قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش كېرەك؟

ئەيدىز ۋىرۇسىغا دورا تەسىر قىلماسلىقنىڭ يۈز بېرىشىدە ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەب ئورتاق رول ئوينىشى كېرەك .

ئىچكى سەۋەب بولسا ۋىرۇسنىڭ ئۆزىدىكى ئامىل، تاشقى سەۋەب بولسا دورا تاللاش بېسىمىدۇر. ئەيدىز ۋىرۇسى بولسا بىر خىل كۆپىيىش سۈرئىتى تېز ھەم ئىنتايىن ئاسان ئۆزگىرىدىغان ۋىرۇس بولۇپ (ئىچكى سەۋەب) ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرىدىغان دورىلار بولمىغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىغا دورا تەسىر قىلماسلىق ئۆزگىرىشچان تۈپى خالىغانچە پەيدا بولىدۇ، بىراق كۆپىيىش ئەۋزەللىكى بولمايدۇ، بەدەندە يىغىلىپ قالمايدۇ ؛ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا، دورىنىڭ قويۇقلۇقى يېتەرلىك بولمىغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشى پۈتۈنلەي تىزگىنلىنىپ بولالمايدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا دورا تەسىر قىلماسلىق ئۆزگىرىشچان تۈپىنىڭ كۆپىيىش ئەۋزەللىكى روشەن نامايان بولىدۇ، ئارقىدىنلا دورا تەسىر قىلماسلىق ئۆزگىرىشچان تۈپى تەدرىجىي جۇغلىنىپ كۆپىيىدۇ، شۇ ئارقىلىق داۋاملىق يۈز بېرىش خاراكتېرلىك دورا تەسىر قىلماسلىق پەيدا بولىدۇ (تاشقى سەۋەب) .

ئەيدىز ۋىرۇسىغا دورا تەسىر قىلماسلىق ئۆزگىرىشچان تۈپىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: ۋىرۇس، ۋىرۇس ئىگىسى، دورا، بۇلارنىڭ كونكرېت تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالىنى مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرى ئەمەلىي مىسالغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ بېرىشى كېرەك، بۇ يەردە بايان قىلىنمايدۇ.

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش كېرەك؟

بىز كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە قايتىپ كېلەيلى، قانداق قىلغاندا دورا تەسىر قىلماسلىقنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

شارائىتى بار بىمارلارغا دورا ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىشنى تەۋسىيە قىلغاندا، تارقىلىشچان خاراكتېرلىك دورا تەسىر قىلماسلىق ئەھۋالىنى بايقىغىلى بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا سەزگۈر دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ياخشى بولغان ماسلىشىشچانلىقنى ساقلاش دورا تەسىر قىلماسلىقنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، ھەر قانچە ياخشى دورا بولسىمۇ، كۆرسەتمىسىگە ياخشى ئەمەل قىلمىغاندا يەنىلا دورا تەسىر قىلماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

باشقا يېمەكلىك، دورىلار بىلەن بىللە ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان دورىلار ۋە يېمەكلىكلەر ۋىرۇسقا قارشى دورىلار پەيدا قىلىدىغان دورا تەسىرىنى كۈچەيتىدۇ (زەھەرلىك ئەكس تەسىرى كۈچىيىدۇ) ياكى ئاجىزلاشتۇرىدۇ (دورىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ)، بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋالاشقا ئېغىر تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؛ دورا بىرىكمىسى تەركىبىدىكى دورا تەسىر قىلماسلىققا قارىتا توسۇشچانلىقنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئىمكانقەدەر دورا تەسىر قىلماسلىققا قارىتا توسۇشچانلىقى يۇقىرى دورىلارنى تاللاش كېرەك.

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش كېرەك؟

ئەڭ ئاخىرىدا، قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش كېرەك ؟

HIV ۋىرۇسىغا دورا تەسىر قىلماسلىق بولسا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. 2020-يىلى نەشر قىلىنغان «مەملىكەتلىك ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش تېخنىكا ئ‍ۆلچىمى» دە داۋاملىق ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈش مەزمۇنى ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتا تىلغا ئېلىنغان:

بىرىنچى، شارائىتى بار بىمارلارغا دورا ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شارائىتى بولمىسا، يېرىم يىل دورا ئىستېمال قىلىپ كېسەللىك بېسىمى تەكشۈرۈلىدۇ، كېسەللىك بېسىمى تەكشۈرتۈلمىگەندە، دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .

ئىككىنچى، دورا ئىستېمال قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، كېسەللىك بېسىمى 1000 دىن ئېشىپ كەتسە، دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى قىلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ .

ئۈچىنچى، دورا ئىستېمال قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، كېسەللىك بېسىمى 500 دىن يۇقىرى 1000 دىن تۆۋەن بولسا دورا تەسىر قىلماسلىق تەكشۈرتۈشى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

*ئىزاھات: HIV ۋىرۇسى human immunodeficiency virus دېگەن ئىنگلىزچە سۆزنىڭ قىسقارتمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى ئادەم ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى ۋىرۇسىدىن ئىبارەت. ئەيدىز كېسىلى بىلەن HIV ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش بىر ئۇقۇم ئەمەس.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى