ئاجايىباتلار
باغراش ناھىيەسىدىكى تەبىئىي غەلىتە تاش چوققىلىرىدىن تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ نەپىسلېكىنى ھېس قىلىش
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لۇبىن، شى چياڭشېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش يېزىسى كۇدەيلىك كەنتىدىكى بىر تەبىئىي غەلىتە تاش چوققىسىدىن نەزەر سالغاندا، شەكلى ھەرخىل ئاجايىپ-غارايىپ تاشلارنى كۆرگىلى بولاتتى، بەزىلىرى قەددىنى رۇسلاۋاتقاندەك، بەزىلىرى ئۆمىلەۋاتقاندەك، يەنە بەزىلىرى «يىرتقۇچلارچە خىرىس قىلىۋاتقاندەك» كۆرۈنەتتى، كىشى بۇنىڭدىن تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ نەپىسلېكىنى ھېس قىلاتتى.