ساغلاملىق

چەتئەللىكلەرنىڭ ئاق كېسەلگە بەش يەرلىك رېتسىپى

چەتئەللىكلەرنىڭ ئاق كېسەلگە بەش يەرلىك رېتسىپى

ئالاھىدە ئەسكەرتمە : قول ، بىلەك، يۈز، بويۇن قاتارلىق كۈن نۇرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدىغان جايلاردا ئاق كېسەل پەيدا بولغاندا چۇقۇم كۈندىن ياخشى مۇداپىئە قىلىش لازىم، چۈنكى كۈن نۇرىدىن كۆيۈپ زەخىملىنىش تېرىنىڭ رەڭلەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ چىكىندۈرۈپ ئاق كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. داۋالاش باسقۇچىدا ئاق كېسەل پەيدا بولغان تېرىنى قاچان ئاپتاپقا قاقلايمىز، قانچىلىك قاقلايمىز قاتارلىق مەسلىلەردە چوقۇم دوختۇرنىڭ بۇيرىقى بىلەن مەشغۇلات قىلىش، كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىپ زەخىملىنىشتىن قەتئى ساقلىنىش زۆرۈر.

1. نىمىشقا ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىمىز ؟ 

تېرە رەڭگىنىڭ ئاستا -ئاستا ئۆزگىرىپ ئاقىرىپ كىتىشى ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بولغان ،  دۇنيادا بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى بولسا : تېرىمىزنىڭ رەڭگى بولغان مېلانىننى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھۈجەيرىلەر – مېلانوسىت
رەڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ. دوختۇرلار، تەتقىقاتچى،  تېرەشۇناسلار بىر نەچچە خىل ئىھتىماللىقلار ۋە داۋالاش لاھىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بەزى داۋالاشلار بىمارلارنىڭ رەڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ نىمىشقا رەڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغانلىقى توغرىلىق ئېنىق، نەق، كونكىرت سەۋەب ھازىرغىچە تېپىلمىدى.
بىرىنجى : كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىسى بۇزغۇنچلىققا ئۇچراش، ئىممۇنىت ئىقتىدارى چىكىنىشتىن ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ. ئىممۇنىت سېستىمىسىغا ئالاقىدار كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەردە ئاق كېسەل پەيدا بولىشى مۇمكىن ، مەسىلەن قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، دىئابىت،بىئېرمېر قان ئازلىق كىسىلى،  تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش، ئاددىسون كىسىلى قاتارلىقلار.
ئىككىنجى : بەدەنگە ئەركىن رادىكاللار، توكسىن، زەھەرلەرنىڭ زىيادە يىغىلىپ كىتىشىدىن ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ.
ئۈچىنجى : ئەللىك پىرسەنت بىمارلاردا ئاق كېسەل يىگىرمە ياشتىن بۇرۇن پەيدا بولغان بولۇپ ، كۆپ قىسىم بىمارلار كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق روھى زەربىگە ئۇچرىغانلىقىلىرى ياكى زەخىملەنگەنلىكى ياكى ئاپتاپتا  ئېغىر كۆيۈپ زەخىملەنگەن تارىخى بارلىقىنى بىلدۈرگەن .
تۆتىنجى : ئىرسىيەت خاراكتىرلىق ئاق كېسەل.
ئاق كېسەل دائىرىلىك ، پۈتۈن بەدەنلىك ، كېڭىيىدىغان ، كېڭەيمەيدىغان دەپ بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ.
ئاق كېسەل يېڭى باشلانغان مەزگىلدە ئاسانلا باشقا تېرە كېسەللىكلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىلىپ خاتا دىئاگنوز قويىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن تېرىدە ئاقلىق كۆرىلىش بىلەنلا يەرلىك ئۇسۇللاردا داۋالىنىشقا ئالدىرىماي چوقۇم تېرە بۆلىمىدە ئېنىق دىئاگنوز قويدۇرۇپ ئاندىن كېسەلگ قارىتا داۋالاش قىلىش لازىم.
ھازىر دوختۇرخانىلاردا قوللىنىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن  نۇر بىلەن داۋالاش، مېلانوسىت ھۈجەيرىلىرىنى كۆچۈرۈپ داۋالاش، دورا بىلەن داۋالاش، ۋىتامىن تولۇقلاش، يەرلىك ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار بار. دوختۇرلار بىر نەچچە خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى بىرلا ۋاقىتتا قوللانغاندا ئۈنىمى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
  ئاق كېسەلنىڭ پەرھىزلىرى 
گەرچە ئاق كېسەل ئاغرىتمايدىغان، يۇقمايدىغان، بىمارنىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان پەقەتلا تېرىنىڭ رەڭگىنىڭ ئاقىرىپ كىتىشى بىلەنلا خاراكتىرلىنىدىغان كېسەللىك بولسىمۇ لېكىن ئاق كېسەل بىمارلىرى غايەت زور روھى بېسىمغا ئۇچرايدىغان بولغاچقا ھېچقانداق بىمار ئاق كېسەل دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كىتىشىنى خالىمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، يېمەكلىكتە بىر قانچە پەرھىزلەر بولۇپ كېسەللەر ياخشى دىققەت قىلىشى زۆرۈر.
بىرىنجى : سۈركىلىشتىن ساقلىنىش لازىم،  تەكرار ھەرىكەت قىلماسلىق.  مەسىلەن كېسەللىك كۆرۈلگەن جاينى تولا سىلاش، توختىماي تۇتۇشتىن ساقلىنىش.
ئىككىنجى : ئاپتاپتىن ياخشى مۇداپىئە قىلىش، كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ تېرىنى زەخىملەپ قىزارتىۋېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش .
ئۈچىنجى : كۈچلۈك خىمىيىلىك تەركىبلىك گىرىم بۇيۇملىرى، مايلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش. سۈنئى تالالىق پەلەي، تارۋە ناچار ماتىرىياللاردىن تىكىلگەن ئىچ كىيىملەرنى كەيمەسلىك.
تۆتىنجى : ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، قالايمىقان تاماقلانماسلىق- بەك تويۇپ يىيىش ، تاماق يىمەي ئاچ يۈرۈشلەردىن ساقلىنىش، غىدىقلىغۇچى، كۈچلۈك تەملىك بەك ئاچچىق بەك چۈچۈمەل، بەك تاتلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش.  كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇخلاش، تۇرۇش، ئوزۇقلىنىش سائەتلىرى تەرتىپلىك بولۇش، ھەرىكەت قىلىش.
بەشىنجى : يەرلىك ، تەبىئى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش. بارلىق تەييار يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم. چۈنكى بازارلاردا ساتىدىغان سانائەت يېمەكلىكلىرىدە نۇرغۇن سۈنئى خۇرۇچلار بولۇپ بەدەنگە زەھەر يىغىدۇ.
ئالتىنجى : ۋىتامىن د نىڭ ئاق كېسەلنى داۋالاشقا ياردىمى بار لېكىن بىۋاستە كۈن نۇرىغا قاقلىنىشتىن ساقلىنىپ ئاپتاپتىن ساقلىنىش مايلىرىنى سۈركەپ ئاندىن كۈنگە قاقلىنىش، ئەڭ ياخشىسى قىش پەسلىدە ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋە ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولماسلىقى لازىم.
يەتتىنجى : دوختۇرلارب گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلاردىن يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن ب 12 نى تولۇقلاش كېسەلگە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ دىيىشىدۇ.

چەتئەللىكلەرنىڭ بەزى يەرلىك رېتسىپلىرى : 

1. چوڭ بىھى ياكى كۇلى بىھېسىنى پارچىلاپ ئىزىپ ئاق كېسەل بار ئورۇنغا چاپلاش ياكى
چوڭ بىھىنى سىقىپ شەربىتىنى ئىچىش.

2. يېرىم كىلوگرام خام زەرچىۋە، 250 گىرام زەنجىۋىل، بەش دانە لىموننىڭ سۈيىنى بىر
قاچىغا سېلىپ توڭلاتقۇدا ساقلاپ كۈندە ئىككى كىچىك قوشۇقتىن ئىچىش.
ياكى زەرچىۋەنى ئىزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپلاش.

3. ئازراق خام زەنجىۋىلنى ئىزىپ بىر قوشۇق قىچا يېغى، بىر كىچىك قوشۇق زەرچىۋە تالقىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاق كېسەل بار ئورۇنغا قويۇپ 20 مىنۇت تۇرغۇزىمىز.

4. كۆللەردە ئۆسىدىغان سۇ لېشىنى سۈزۈپ ئېلىپ ئىزىپ بىر قوشۇق ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بىرىمىز.
سۇ مەنبەسىنىڭ بۇلغانمىغان ، ئالاھىدە پاكىز بولىشىغا دىققەت قىلىڭ.
5. ئىككى قوشۇق قىزىل مېنراللىق توپا بىلەن بىر قوشۇق زەنجىۋىل سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ  خېمىرسىمان قىلىپ ئاق كېسەل بار ئورۇنغا قويۇپ 15 مىنۇت تۇرغىزىمىز.
مېنراللىق قىزىل توپىنىڭ ئادەتتىكى سېغىز توپىدىن پەرقى بولسا بۇ خىل توپىنىڭ تەركىبىدە  نۇرغۇن مېنرال ماددىلار بولۇپ ئاق كېسەل بىمارلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم بولغىنى مېنرال توپا تەركىبىدە تېرىنىڭ رەڭلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بىرىدىغان مىس ماددىسى بار.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: يۇقىرىقىلار دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاق كېسەلگە قارىتا يەرلىك رېتسىپلىرى بولۇپ، ئاق كېسەل سەۋەبى مۇرەككەپ ھەم جاھىل خاراكتىرلىق بولغاچقا ئاق كېسەلنى چوقۇم ساقايتىۋېتىدۇ دەپ كىسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. يۇقىرىقى رېتسىپلارنى سىناشتىن بۇرۇن سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز ۋە تەن سۈپىتىڭىزگە ماس كىلەمدۇ دوختۇرلاردىن ياكى تەجرىبىلىك تىۋىپلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ، ئاندىن سىناڭ.

چوڭ بېھى

چەتئەللىكلەرنىڭ ئاق كېسەلگە بەش يەرلىك رېتسىپى

زەنجىۋىل

چەتئەللىكلەرنىڭ ئاق كېسەلگە بەش يەرلىك رېتسىپى

زەرچىۋە

چەتئەللىكلەرنىڭ ئاق كېسەلگە بەش يەرلىك رېتسىپى

لېمون

چەتئەللىكلەرنىڭ ئاق كېسەلگە بەش يەرلىك رېتسىپى

 قىزىل توپا

چەتئەللىكلەرنىڭ ئاق كېسەلگە بەش يەرلىك رېتسىپى

دەريا لېشى

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن  ئېلىندى بۇ يازمىدىكى رېستىپلار ئەمەلىيەتتىن ئۆتتىمۇ ياكى ئۆتمىدىمۇ بۇنى بىز ئېنىق بىلمەيمىز بىز پەقەت بۇنى پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە يوللىدۇ ! ھەمدە ئاقىۋېتىگىمۇ ئىگە بولالمايمىز ،شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چارە كۆرۈڭ..

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى