يېمەك-ئىچمەك

زىققا بىمارلىرى ئۈچۈن-چامغۇر شورپىسى تەييارلاش

زىققا بىمارلىرى ئۈچۈن-چامغۇر شورپىسى تەييارلاش

ھەر خىل ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئوزۇقلۇق-غىزانى مىزاجى ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ دورا ئارقىلىق داۋالاشقا يانداشتۇرىلىدۇ. بەزى كېسەللەر ھەتتا تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ تۈزۈپ بەرگەن رېتسىپلىق غىزالىرىنى بىر مۇددەت ئىستىمال قىلىپ بىرىش ئارقىلىقمۇ سەللىمازا شىپا تېپىشى مۇمكىن. بۇ خىل داۋالاش ئەندىزىسى ھازىرقى دۇنيادا ئەمدىلەتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ <<ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋاش>> نامىدا تەرغىپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل قىممەتلىك بايلىقى مىڭ يىللار بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتلاردىن بىزلەرنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بىرىپ كەلگەن. بۇ خىل ئوزۇقلۇق-تاماق رېسالىلىرى بىلەن داۋالىنىشقا ماس كېلىدىغانلار ئاساسلىقى بەدەن ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك جاھىل كېسەللىكلەردىن قان ئازلىق، ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار يېتىشمەسلىكتىن بولغان ئورۇقلاپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئاشقازان ياللۇقى، زىققا، دىئابىت، يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، مەزى بېزى ياللۇقى، بۆرەك سوغۇش، بۆرەك ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى، بەل-بوغۇم ئۇستىخان ئاغرىقلىرى دېگەندەكلەردە دورا بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنسا داۋالىنىش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا زۇكام، قىززىتما، قوقاق، ئىچ سۈرۈش، يۆتەل، قۇسۇش، كۆڭۈل ئىلىشىش دېگەندەك ئۇششاق سانىلىدىغان كېسەللىكلەردىمۇ غىزا رېتسىپلىرى بىلەن كۈتۈنسا تېزلا ياخشى بولۇپ كىتىشىمۇ مۇمكىن.بۈگۈن زىققا بىمارلىرى ئۈچۈن – چامغۇر شورپىسى تونۇشتۇرىلىدۇ.
چامغۇر شورپىسى
ياش پاقلان گۆشىدىن 300 گىرام، يۇمشاق پىشىدىغان چامغۇر 300 گىرام، سۇغا 8 سائەت چىلانغان نوقۇت يىرىم پىيالە، قاقىلە بىر تال، گۈرۈچ ئوتتۇرا پىيالا، شوخلا يىرىم تال، تۇز، ئاقمۇچ قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا سىلىنىدۇ.
تاماقنى ئىتىش ئۇسۇلى:
1.ئاۋۋال گوشنى چالا پۇشۇرىۋېلىپ سۈزۈپ ئىلىپ ئۇششاق توغرايمىز. 2. نوقۇت، چامغۇرنى گۆشنىڭ شورپىسىغا سېلىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىپ ئاندىن گۈرۈچنى سالىمىز. 3.گۈرۈچ ئىتىلىپ پىشقاندا توغراپ تەييارلانغان گۆشنى سېلىپ تۇز، ئاقمۇچ، قاقىلە سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ قاچىغا ئالساق بولىدۇ.
بۇ غىزا رېتسىپىنىڭ خۇسۇسىيىتى: ماددىلارنى يۇمشىتىش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، تېرىنى پارقىرتىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، ئۆپكىنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتى بار. بۇ شورپا زىققا بىمارلىرىنىڭ دائىملىق ئوزۇقلىقى قىلىنسا ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى