ساغلاملىق

ۋېلسىپىت مىنىش ۋە جىنسىيەت

1989-يىلى ”ۋېلسىپىت“ ژورنىلىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بىرىلغان ”ۋېلسىپىت مىنىشنىڭ پايدىسى نېمە؟“ دېگەن تېمىدىكى تەكشۈرۈشتە، نەشىر ئەپكار تۆۋەندىكىدەك جاۋابقا ئېرىشكەن:
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تۈرلۈك ئوكسىگېنلىق ھەركەتلەرگە ئوخشاشلا، ۋېلسىپىت مىنىشمۇ ئادەم ئورگانىزىمىنى چىداملىق، قامەتلىك، جىنسىي ھەۋىسى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ.
بۇ تەكشۈرۈشتە ، تەكشۈرۈش ئوبىېكتلىرى 1600 دىن ئىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئەرلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ 44 پىرسەنتى ۋېلسىپىت مىنىش ئۇلارنىڭ جىنسىي ئىمپۇلسىنى كۈچەيتكەنلېكىنى ئېيتقان؛ 66 پىرسەنتى ۋېلسىپىت مىنىش ئۇلارنىڭ ئەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ 14 پىرسەنتى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يىرىم يولدىكى ئارام ئېلىش پەيتىدە جىنسىي ھەرىكەتتە بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان.
تەكشۈرۈشتىكى يەنە بىر نەتىجە جىنسىي ئالاقىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەر بولالايدۇ.
كۆپۈنچە ئەرلەر ۋېلسىپىت مىنگەندە، ئۆزلىرىنىڭ جىما قىلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئاياللار بولسا، دائىم جىما قىلغاندا ۋېلسىپىت مىنگەن ۋاقىتنى خىيالىغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان.

ۋېلسىپىت مىنىش ۋە جىنسىيەت
پىدالدىكى خەتەر
ۋېلسىپىت مىنىدىغان بەزى كىشىلەر يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: گەرچە ۋېلسىپىت مىنىشنىڭ پايدىسى ئاجايىپ زور بولسىمۇ، ئەمما جىنسىيەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەكىس تەسىرىمۇ بار.
ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ۋېلسىپىت مىنىپ ئۇزاق يول يۈرگەندىن كېيىن ، جىنسىي ئەزا قىسمىدا ئۇيۇشۇش سېزىمى پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلۋەتتە، بۇ ۋېلسىپىت مىنىشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەندىشە قىلىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس. ئەمما، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەزى مىساللار ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئەرلەردە ۋاقىتلىق جىنسىي ئىقتىدارسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
تېببى ھۆججەتلەردە مۇنداق بىر مىسال بايان قىلىنىدۇ:55 ياشلىق بىر دوختۇر ۋېلسىپىت مىنىشكە ئامراق بولۇپ ، كۈندە ۋېلسىپىت مىنىپ 12 مىنۇت يول يۈرىدىكەن. ئۇ ھەر قېتىم ھەركەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، زەكەر بېشىنى يىگىلەپ قالغاندەك ھېس قىپتۇ، ئەمما بۇ كۆڭۈلسىز سېزىم بىر قانچە مىنۇت ئىچىدىلا ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىپتۇ. بىراق، كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىپتۇ:ئۇ جىنسىي ئالاقە قىلغان چىغىدا زەكىرىنىڭ قايىم بولۇشىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقى، قاتتىق تۇرۇش ۋاقتىنىڭمۇ قىسقىراپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ ۋېلسىپىتنىڭ ئېگىرىنى پەسەيتىپ سىناپ بېقىپتۇ، نەتىجىدە زەكەرنىڭ ئۇيۇشۇش ئەھۋالى تۈگەپتۇ، لېكىن ئۇ ئىگەرنى پەسەيتىش بەدىلىگە كۈندىلىك ۋېلسىپىت مىنىش ۋاقتىنى سەككىز مىنۇت ئۇزارتىپتىكەن، ئۇنىڭدا زەكەرنىڭ قايىم بولۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ ، ئاخىر پۈتۈنلەي جىنسىي ئىقتىدارسىزلىق ئەھۋالى يۈز بېرىپتۇ.
ئۇ دوىتۇرغا كۆرۈنىپتۇ، بىراق دوختۇر مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تاپالماي، نائىلاج ئۇنىڭغا ۋېلسىپىت مىنمەسلىكنى تەۋسىيە قىپتۇ. قىزىق ئىش، ئۇ ۋېلسىپىت مىنىشنى توختىتىپ بىر ئايدىن كېيىن ، ئۇنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى قايتا نۇرماللىشىپتۇ.
ئۇنى داۋالىغان دوختۇر مۇنداق تەھلىل قىپتۇ: ئۇنىڭدىكى مەسىلە ئېھتىمال ئەۋرەت قىسمىدا، يەنى مەقئەت بىلەن جىنسىي ئەزا ئارلىقىدىكى جايدا بولۇپ ، ئۇزاق ۋاقىت بېسىلىش تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، ۋېلسىپىت ئېگىرى ھەم تار، ھەم قاتتىق بولغانلىقتىن، رۇشەنكى زەكەرگە بارىدىغان قان ئايلىنىشنى توسۇۋالغان، نەتىجىدە پالەچلىك سېزىمىنى پەيدا قىلغان.ئۇنىڭدا جىنسىي ئىقتىدارسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، ئېھتىمال جىنسىي ئەزا ئەتراپىغا جايلاشقان ئەۋرەت نېرۋىسى بېسىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ۋېلسىپىت مىنىش ۋە جىنسىيەت

يۇقىرىقى ۋەھىمىلىك باياننى ئوقۇغاندىن كېيىن ، بەلكىم قورقۇپ كەتكىنىڭىزدىن ۋېلسىپىت مىنىشكە جۈرئەت قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدا سىز مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىر قانچە ئېغىز تەكلىپىنى ئېسىڭىزدە تۇتسىڭىزلا مەسىلە چىقمايدۇ. ئىگەردە ئولتۇرغان چېغىڭىزدا ، ئېغىرلىق مەركىزىڭىزنى دوۋسۇن سۆڭىكىڭىزنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئەمەس، بەلكى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىگەرنىڭ ئارقا قىسمىغا چۈشۈرۈڭ. ئەرلەر ۋېلسىپىت مىنگەندە ئىگەرنىڭ ئىگىزلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى، يەنى پېدال ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەندە تىز سال-پەل ئېگىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەمەتتۇرسۇن
پايدىلانغان ماتېريال: ئەر-خوتۇنچىلىق بىلىملىرى

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى