تەبىئەت

قونچاققىلا ئوخشايدىغان ئوماق ھايۋان — قارا يۈز قوي

قونچاققىلا ئوخشايدىغان ئوماق ھايۋان — قارا يۈز قوي

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى نۇرغۇن ئادەم دۇنيادا «قوي تۆگە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئوتخور ھايۋاننىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى. بىراق بۇ خىل ھايۋان تېز سۈرئەتتە توردا قىزىق نوقتا بولۇپ «تور سىرلىق مەخلۇقى»غا ئايلاندى، يەنە ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئەتىۋارلىقى دەپ قارالدى. ھازىر شىۋېتسارىيەدە سىرتقى قىياپىتى تولىمۇ غەلىتە ھەم ئوماق بىر خىل قوي بايقالدى. ئۇ ئەمدى كېيىنكى نۆۋەتلىك ئەرمەك «سىرلىق مەخلۇق» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

قونچاققىلا ئوخشايدىغان ئوماق ھايۋان — قارا يۈز قوي

بۇ ئوماق سىرلىق مەخلۇق دەل «قارا يۈز قوي» (黑鼻羊، بۇ خىل قوي يەنە قارا قاڭشارلىق قوي، قارا تۇمشۇق قوي دەپمۇ ئاتالغان). سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى دەل «قاپقارا يۈزى». بەكلا قارا بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ يۈزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ.

قونچاققىلا ئوخشايدىغان ئوماق ھايۋان — قارا يۈز قوي

قارا يۈز قويلارنىڭ تارقىلىشى باشقا قويلاردەك ئۇنچە كەڭ ئەمەس. ئەڭ دەسلەپكى تۈر توپى پەقەت شىۋېتسارىيەنىڭ ئاز بىر قىسىم تاغلىق رايونلىرىغا تارقالغان بولۇپ، يىل بويى ئىگىز-پەس، تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن، تېمپىراتۇرا ئۆزگىرىشى روشەن تاغ يانباغىرلىرىدا ياشىغان. سۈرەتتىمۇ قارا يۈز قوينىڭ ئارقىدىلا ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

قونچاققىلا ئوخشايدىغان ئوماق ھايۋان — قارا يۈز قوي

دەل مۇشۇنداق ناچار شارائىت قارا يۈز قوينى شۇ جاينىڭ داڭلىق ئىقتسادىي ھايۋىنىغا ئايلاندۇرغان. تېمپىراتۇرا ئامىلى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ يۇڭىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، مەھسۇلات مىقدارى كۆپ. يەر شەكلى ئامىلى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، گۆشى چىڭ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا قارا يۈز قوي ئىنسانلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك يۇڭ ۋە ئېسىل گۆش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

قونچاققىلا ئوخشايدىغان ئوماق ھايۋان — قارا يۈز قوي

قارا يۈز قوي گەرچە قوي تۈرىگە تەۋە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ساپ ئوتخور ھايۋان ئەمەسلېكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمىسە كېرەك. قارا يۈز قوي ئوتنىمۇ گۆشنىمۇ يەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ناچار شارائىتتا ياشىيالىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇشى مۇمكىن.

قارا يۈز قويلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى تولىمۇ ئالاھىدە، ناۋادا ئۇلار تىلىنى چىقارمىسا يۈزىنىمۇ پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.

قونچاققىلا ئوخشايدىغان ئوماق ھايۋان — قارا يۈز قوي

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئوماقچاقلار ئىقتىسادى» (ئوماق تۈر ۋە بۇيۇملار ئارقىلىق يارىتىلىدىغان ئىقتىساد)نىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەر ئاستا-ئاستا قارا يۈز قوينىڭ يەنە بىر خىل قىممىتىنى بايقىدى: قارا يۈز قويلار يۇۋاش، يېقىشلىق، سىرتقى قىياپىتى ئوماق، تىلىنى چىقىرىشقا ئامراق بولغانلىقى، ئىنسانلار بىلەن چىقىشىشى قوي تۆگىدىن ئاسانراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە «ياساندۇرۇپ» قويسا «سىرلىق مەخلۇق» قوي تۆگىدىن قېلىشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر «قارا يۈز قوي»نى ئەرمەك ھايۋانغا ئوخشاش يېتىشتۈرۈشكە باشلىدى.

قونچاققىلا ئوخشايدىغان ئوماق ھايۋان — قارا يۈز قوي

ئەمەلىيەتتە قارا يۈز قوي خېلى بۇرۇنلا نام چىقارغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا «قوزىچاق شان» دەل قارا يۈز قويدىن ئۈلگە ئالغانىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى