ساغلاملىق

گىپنوز

گىپنوز

تەرجىمە قىلغۇچى: Goodluck (ئەنۋەرجان)
ھالقىلىق سۆز : گىپنوز ، hypnosism، 催眠
گىپنوز (خەنزۇچە 催眠 ئېنگىلىزچە hypnosism دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، گىرىتسىيە رىۋايەتلىرىدىكى Hypnos نىڭ نامىدىن كەلگەن) ھەرخىل تېخنىكىلار سەۋەبلىك پەيدا بولىدىغان ئىدىيىدىكى بىر خىل يوشۇرۇن ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئادەم باشقىلارنىڭ بەرگەن ئىشارەتلىرىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىنكاسچانلىققا ئېگە بولىدۇ. بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشارەت تەسىېرگە ئۇچىراش خاراكتىرلىك ھالەت بولۇپ، ئاڭ، خاتىرە، كونترول قىلىشتا ماس ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
گىپنوز ئۇقۇمى
گىپنوزنىڭ ئېنىقلىمىسى: ئادەم ۋە ھايۋانلارغا كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى ۋە سىلاش سېزىمى ئارقىلىق غىدىقلاش ئېلىپ بېرىپ، يېرىم ئۇيقۇ ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەملەرگە قارىتا تىل سېزىمى ئىشلىتىلسىمۇ بولىدۇ (تار مەنىسى). ئالاھىدە غىقىدلاشلارغا قارىتا پىسخىك ئۆزگىرىش ھالىتىنىڭ پەيدا بولىشىنى كۆرسىتىدۇ (كەڭ مەنىسى) .
بۇخىل ئۇخلاش ھالىتى ئادەتتىكى ئۇخلاشقا ئوخشىمايدۇ.
گىپنوز تېخنىكىسى ئىشارە قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق گىپنوزلانغۇچىنى ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگۈزۈپ، ھەيران قالارلىق تەسىر ھاسىل قىلىدىغان بىر خىل سىېھرى تېخنىكا. گىپنوز ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق (مەسىلەن ئازادە قىلىش، يەككە غىدىقلاش ئېلىپ بېرىش، دىققەتنى يېغىش، ئويلاش قاتارلىق) پەيدا قىلىنىدىغان بىر خىل ھەم ئۇيغۇ ھەم ئويغاق ھالەتتىكى ئاڭ غۇۋالىشىدىغان پىسخىك ھالەت. ئالاھىدىلىكى بولسا گىپنوزلانغۇچىدا مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش، مۇستەقىل خاھىش ھەركىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشى، تۇيغۇ، سېزىمدا ئېغىپ كېتىش ياكى يوقىلىش كۆرۈنىدۇ. گىپنوز قىلىش جەريانىدا گىپنوزلانغۇچى گىپنوز ئۇستىسىنىڭ ئىشارىسى ۋە كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇپ، ماس بولغان ئىنكاس قايتۇرىدۇ. گىپنوزنىڭ ئاجىز-كۈچلۈكلۈكى گىپنوزلانغۇچىنىڭ گىپنوز تەسىرچانلىقى (催眠感受性) ، گىپنوز ئۇستىسىنىڭ ماھارىتى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.
گىپنوز تېخنىكىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى
گىپنوز تېخنىكىسى بولسا بىر تۈرلۈك قەدىمى ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان پىسخىك تەكشەش تېخنىكىسى. گىپنوز مۇتەخەسىسى خاۋ بىن (郝滨) ئەپەندىم گىپنوزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلاھىيەت دەۋرى(神学时代)، ئاقار جىسىم مېخانىكىسى دەۋرى(流体力学时代) ۋە پىسىخوفىزىئولوگىيىلىك دەۋر(心理生理时代) دەپ ئۈچ دەۋرگە بۆلگەن.قەدىمدە گىپنوزغا ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان خاتىرىلەر ساقلانغان، پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلمىغانلىقتىن، ئۆزى ۋە سىرىتقى دۇنيادىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بەزى كېسەللەرنى ساقايتقان. مىسال ئالساق بۇتخانىدىكى راھىبلار ياكى چىركاۋلاردىكى پوپلار نوم ئوقۇش، ۋەز ئېيتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان، بۇلار ئۆزىنى گىپنوز قىلىش رولىنى ئوينىغان. بۇ گىپنوزنىڭ ئىلاھىيەت دەۋرى.
18-ئەسىردە ئۆتكەن ئەسمونىڭ قارىشىچە كېسەلىك، ئادەم بەدىنىدىكى ماگىنىت مەيدانىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن بولىدىغان بولۇپ، سىرىتتىن كۈچ بېرىپ ماگىنىت مەيدانىنى راۋانلاشتۇرغاندا كېسەلنى داۋالاپ ساقايىتقىلى بولىدىكەن.
1841- يىلى 11- ئايدا ئەنگىلىيىلىك داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى برەيىد بىر شىۋىتسارىيىلىك ئۇستىنىڭ گىپنوز ئارقىلىق كېسەل داۋالاش تېخنىكىسىنى كۆرگەندە، ئۇ قۇسۇر ئىزدەپ ساختىلىقنى تېپىپ چىقماقچى بولغان بولۇپ، نەتىجىدە ھىچقانداق يوچۇق تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ گىپنوز تەتقىقاتى ۋە قوللىنىلىشىغا كىرىشىپ كەتكەن. گىپنوز ئادەمنىڭ تۇيغۇ سەزگۈرچانلىقىنى ئۆزگەرتىدىغان بولغاچقا، 1841- يىلى برەيىد گىپنوزنى مەس قىلىش، تىنىچلاندۇرۇشقا ئىشلەتكەن. برەيىد خرۇستال توپقا تىكېلىپ قاراتقۇزۇش ئارقىلىق گىپنوز قىلغان، ئۇ كۆرۈش نىرۋىپلىرىنىڭ چارچاش كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، بۇ ئۇيقۇغا ئوخشايدىغان بىرخىل ھالەت دەپ قارىغان. بۇ خىل ئادەمنى ئويغاق بىلەن ئۇيقۇ ھالىتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھالەتكە كىرگۈزۈش گىپنوز تېخنىكىسىدۇر(برەيىد تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويغان).
ھازىرقى گىپنوز ئېلىمى نەزەرىيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى بولسا ئىككى قاتلاملىق تەلىمات:
بىرىنچى قاتلام: ماددى قاتلام-مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى، مىڭە نىرۋىسى پىسخىكىلىق ئىشارىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ساقلاپ، ئاندىن ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، نىرۋا بىئولوگىيىسىنىڭ ئوزگىرىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، فىزىئولوگىيىلىك ھەركەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكى ئاجراتما ۋە نىرۋا سېستىمىسىدا ماس ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، گىپنوزلانغان ھالەتنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئىككىنچى قاتلام: شەخىسنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىش ئەھۋالى، ئاساسلىقى پىسخىك ئاپالىيەتنىڭ رولى. مەسىلەن: ئىشارە قىلىش. گىپنوز ھالەتتىكى ئىشارە خاراكتىرلىك كۆرسەتمىنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
گىپنوز ھالەتكە كىرگەندىن كېيىن، گىپنوز ئۇستىسى بىلەن گىپنوزلانغۇچى ئارىسىدىكى يەككە لىنىيەلىك مۇناسىۋەت، گىپنوزلانغۇچىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتى ۋە پىسخىك سېزىمىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مېڭىدىكى ئاتسېتىلخولىن(ئاجراتما قانچە كۆپ بولسا ھەرىكەت شۇنچە ئاجىز بولىدۇ)، دوپامىن(ئاجراتما قانچە كۆپ بولسا شۇنچە جىددى بولىدۇ)، چارچاش ئىلمىنىتى قاتارلىق ئاجراتمىلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، سىپماتىك، پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئادەم بەدىنى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گىپنوزلانغۇچى گىپنوز ئۇستىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ، گىپنوز ئۇستىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا كەيپىياتنى ياخشىلاپ، بېسىمنى تەڭشەپ، كۆڭۈلدىكى تۈگۈنلەر يېشىلىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدار ئاشكارىلىنىدۇ. مانا بۇ گىپنوز ئۇستىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن كونترول قىلالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
زادى نېمىنى گىپنوز دەيمىز؟
ئەمەلىيەتتە، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تۇيغۇسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۆز قەلبىدىكى نەرسىلەرنى ئويلىغاندا مەلۇم دەرىجىدىكى گىپنوز ھالىتىدە بولغان بولىدۇ. گىپنوز تېخنىكىسى ئالاھىدە بولغان غۇۋا يىتەكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئادەمنى ئۇيغۇ بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدىكى بىر خىل ھالەتكە كىرگۈزىدۇ، بۇ خىل ھالەتتە ئادەمنى سەزگۈسى نىسبەتەن ئاجىز ھالەتكە كىرىپ، يوشۇرۇن تۇيغۇلىرى ھەرىكەتكە كېلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتى ( بىلىش تۇيغۇسى، ھېسىياتى، تەپەككۇرى، ئىرادىسى ۋە قىلىقى قاتارلىق پىسخىك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گىپنوز ئۇستىسىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، بۇ خىل ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغان تېخنىكىنى گىپنوز تېخنىكىسى دەپ ئاتايمىز.
گىپنوز ئاساسى ھالىتى
گىپنوزنىڭ ئىككى ئاساسى ھالىتى بار، يەنى ئانا شەكىلدىكى گىپنوز ۋە ئاتا شەكىلدىكى گىپنوز، دىيىلىۋاتقان ئانا شەكىلدىكى گىپنوز بولسا، ئىنتايىن كۆڭۈلچەكلىك بىلەن گىپنوزلانغۇچىنىڭ پىسخىك مۇداپىئە سىزىقىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى كۆرسىتىدۇ، مۇندانچە ئېيىتقاندا سىلىق-سىپايە ئۇسۇل بىلەن ھۇجۇم قىلىش. ئاتا شەكىلدىكى گىپنوز بولسا بۇيرۇق تۈسىنى ئالغان سۆز-جۈمىلىلەر ئارقىلىق گىپنوزلانغۇچىنى قارشى تۇرالمايلا قالماستىن، بويسۇنمىسا بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. گىپنوز قىلىش جەريانىدا كۆپىنچە ئوخشاش بولمىغان ئوبىكىتلارغا، ياكى ئوخشاش ئوبىكىتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقتى، ئورنى، شارائىتى قاتارلىقلارغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ.
گىپنوز تېخنىكىسىنىڭ تۈرى
گىپنوز تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەندىكىدك تۈرلىرى بار:
1. گىپنوز قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا: 1) ئۆزىنى ئۆزى گىپنوز قىلىش 2) باشقىلار گىپنوز قىلىش، يەنى گىپنوز ئۇستىلىرى گىپنوز قىلىش
2. ئىشارا شارائىتلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا:1) سۆزلەش ئارقىلىق گىپنوز قىلىش 2) مەشغۇلات ئارقىلىق گىپنوز قىلىش، يەنى گەپ-سۆز ئىشلەتمەي گىپنوز قىلىش. ئۇ قىلىق، ھەرىكەت، مۇزىكا ياكى ئېلىكتىر ئېقىمى قاتارلىقلارنى ئىشارە ۋاستىسى قىلىپ گىپنوز قىلىش مەقسىتىگە يېتىدىغان ئۇسۇل.
3. بىلىش ھالىتىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا: 1) ئويغاق ھالەتتىكى گىپنوز 2) ئۇيقۇ ھالەتتىكى گىپنوز
ۋەھاكازالار …
گىپنوزنىڭ ئۆلچەملىك تەرتىپى
گىنپوز بەش باشقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار:
1. دىئاگنوز (Diagnosis) : گىپنوز قىلىنغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە تەلىپىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن گىپنوزغا كۆز قاراشلىرىنى سوراپ، گۇمانلىرىنىڭ جاۋابىنى بېرىپ، سەل تۇرۇپ گىپنوز قىلغاندا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا گىپنوز ئۇستىسى ئازراق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، گىپنوز ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىسى مۇمكىن، چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ گىپنوزغا بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل، بۇ كەمچىل چۈشەنچىلەرنىڭ ئىچىدىكى كۆ قىسىم چۈشەنچىلەر خاتا.
2. يىتەكلەش باسقۇچى(Induction) : گىپنوز ئۇستىسى سۆز ئارقىلىق ، قارشى تەرەپنى گىپنوز ھالىتىگە كىرگۈزىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يىتەكلەش ماھارەتلىرىدىن، ئاستا-ئاستا جىددىيلىكنى يوقىتىش ئۇسۇلى (progressive relaxation) تىكېلىپ قاراش ئۇسۇلى(eye fixation)، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئۇسۇلى، ئوي-خىيالىنى باشلاپ كىرىش، ساناش ئۇسۇلى، بېلىكىنى يۇقىرغا لەيلىتىش ۋە باشقا شەكىل ئۆزگەرتىش، ساختا قىياپەت قاتارلىق ئۇسۇللار بار.
3. چوقۇرلاشتۇرۇش باشقۇچى(Deepening):

داۋامى تەييارلىنىۋاتىدۇ …

ئەسلى ئادرېسى: baike.baidu.com/view/4561.htm

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى